atauqun يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 08:11 PM
نېمىلا بولمىسۇن بوۋاقلار زىيان -زەخمەتسىز ئاتا ئانىسى ...
ھېچكىمگە ئۆزىنىڭ بىلىنمەيدۇ ھە ؟ سىزمۇ ئىنكاسىمنى نەقىل ئېلىپ ھاقارەتلەپ
باش سۆرىتىم بىلەن قالمىغان بولسىڭىز ، مەنمۇ بىكار تۇرغان تامغا ئۈسسەمدىمەن ؟
ئۇ دېگەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ، بۇنچىلىك ئۆزىڭىزنى ئۇچۇرۇپ مىننەت قىلىشىڭزنىڭ
ھاجىتى يوققۇ ؟ مەسئۇلىيەتچان خەلىق ساقچىسىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى .
دۇنيادا بۇنداق خىزمەتنى قىلغان سىزلا ئەمەس . ھەر قانداق ئادەم ئوخشاشلا
ئۇلۇغ ، شەرەپلىك خىزمەتنى قىلىدۇ . مەسىلەن : مۇھىت ئاسرىغۇچى خادىممۇ
سەھەر تۇرۇپ ، تۇپا ـ چاڭغا مىلىنىپ بىزگە پاكىز مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ .
ئوقۇتقۇچىمۇ قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتۇپ كىشىلەرگە بىلىم بېرىدۇ .
ناۋايمۇ قىززىق تۇنۇرغا نان يېقىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ .
تىجارەتچىمۇ خېرىدارلارنى ئىسىل ماللار بىلەن تەمىنلەپ گۈزەللىك بېغىشلايدۇ .
دوختۇرمۇ بىمارلارغا كۆيۈنۈپ ، كېسىلىنى داۋالايدۇ . دېھقانمۇ تۇمۇز ئىسسىقتا
تۇپا ـ چاڭغا مىلىنىپ تەرلەپ كەتمەن چاپىدۇ ، خامان ئالىدۇ .
شۇ خۇدايىم قۇرساقنى ئاچىدىغان ، ئادەمنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان قىلىپ
يارىتىپتىكەن . ئەمەلىيەتتە بىر ھىسابتا قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى پۇل
قۇرساق ئۈچۈندۇر .