2012-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى بايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتلىق ئەدىليە ئىدارىسىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بىلەن كورلا شەھرى بۇستان مىھانخانىسىدا ،بايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتىدىكى 8 ناھيە بىر شەھەردىن كەلگەن ھەرمىللەت ئادۇۋكاتلىرى بىر كۇنلۇك تەربيلەشكە قاتناشتى . 60 كە يىقىن ئاز سانلىق مىللەت ئادۇۋكاتلىرى بۇ قىتىمقى تەربىيلەشتە ئۇيغۇرچە تىلدا دەرىس ئاڭلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى سودا ئادۇۋكاتلار ئۇرنىدىن ئادۇۋكات مىجىت لىتىپ يىڭىدىن تۇزۇتۇلگەن « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» ھەققىدە دەرىس سوزلىدى . تەربىيلەشكە قاتناشقانلار قىزغىنلىق بىلەن دەرىس ئاڭلاپ يىڭىدىن تۈزۈتۈلگەن « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» ھەققىدە تالاش تارتىش ،مۇھاكىمە ،ئۇگۇنۇش ئىلىپ باردى .ئاخىردا تەربىيلەشكە قاتناشقان ئادۇۋكاتلار ئاز سانلىق مىللەت ئادۇۋكاتلار قۇشۇنىنىڭ تەرەققىياتى ،دۇچ كەلگەن خىرىسلار ھەققىدە كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى . تەربىيلەش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تۇرسۇنجان ئىبراھىم ئادۇۋكاتلار ئورنىنىڭ ئاۇدۋكاتى ، بايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتلىق ئادۇۋكاتلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن جەمىيەت باشلىقى تۇرسۇنجان ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئادۇۋكاتلار تەربىيلەش يىغىنىدائىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللار :
1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادۇۋكاتلار جەمىيتى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلق ئەدىلىيە نازارىتى 8-ئايدا يىڭىدىن تۇزۇتۇلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنڭ ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىنڭ ئۇيغۇرچىسىنى مىللى ئادۇۋكاتلارغا ھەقسىز تارقاتقان بۇلسىمۇ بايىنغۇلۇن تەۋەسدىكى مىللى ئادۇۋكاتلار بۇنى ھازىرغىچە تاپشۇرۇپ ئالالمىغان .( شەخسەن ئۇزۇم نەچچە قىتىم سورۇشتۇرگەن بۇلساممۇ بايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئۇبلاسىتلىق ئەدىليە ئىدارىسدىكىلەر بىز ھازىرغىچە ئالمىدۇق دىدى )
2. ئۇيغۇر تىلىدىكى قانۇن ماتىرياللىرى بەكمۇ كەمچىل .
3. ئادۇۋكاتلار جەمىيتى ۋە ئەدىلىيە نازارىتىنڭ تەربىيلەش سالمىقى ئىنتايىن ئاز ۋە يۇق دىيەرلىك .مەسلەن بۇ يىل ئاران بىر كۇن تەربىيلىگەن .
4. مىللى ئادۇۋكاتلارنىڭ كىرىمى،ساپاسى،جايلىشىشى تەكشىسىز بۇلۇپ بەزى جايلاردا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققى قىلىشى ئىغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن .
بىز كەڭ ئادۇۋكاتلار بۇ قىتىمقى تەربىيلەشتىن ئىنتايىن رازى بولدۇق .پارتىيە ۋە ھۆكۇمەتنىڭ ئادۋكاتلىق ئىشلىرىغا داۋاملىق كۇڭۇل بۇلۇشىنى ئۇمۇد قىلىمىز .
خەلق ئادۇۋكاتى
بەختىيار تۇرسۇن
قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش : 13239850499
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى