bah يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:42 AM
قاشتېشى ساتقان پۇلغا ئوبدانراق كىيىم كىيسە بولمامدۇ ،
ئىسمىڭىزدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھىس قىلىپ ئىنكاسىڭىزغا قارىسام تېخىمۇ ھەيران قالدىم.سىزنىڭچە قاشتېشى دەريادىكى تاش-شېغىلدەك ھەممە ئادەمنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ تۇرامدىغاندۇ؟خوتەنلىك بولسىلا قاشتېشى سېتىپ باي بولۇپ كېتەمدىغاندۇ؟خوتەندە ئادەم كۆپ،تېرىلغۇ يەر ئاز،سۇ قىس،تەبئى شارائىتى ناچار،قۇمبوران ئاپىتى يىلدىن-يىلغا زورايماقتا.لېكىن خوتەنلىكلەر نەچچەمىڭيىللاردىن بېرى تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈپ،سۇ-تۇپراقنى ئۆزلىرى بەرپا قىلغان غايەت زور سۈنئى ئورمان،باغ-ۋاران بىلەن قوغداپ،تولىمۇ جاپالىق ئەمما بەختلىك ياشاپ كەلمەكتە.خوتەنلىكلەر سىز ئويلىغاندەك تاپقان پۇلىنى بېسىپ ياتىدىغانلار ئەمەس.سىزمۇ بىلىسىز ھەقىچان سودا-تېجارەتتە،مىللى سانائەتتە،مىللى خاسلىققا ئىگەا،باغۋەنچىلىك،تېبابەتچىلىك،قەغەزچىلىك،ئەتلەسچىلىك،گېلەمچىلىك،ئۈزۈمچىلىك،كانچىلىق ئىشلىرىدا زور كۆلەمگە ئىگە ئىگىلىكلىرى بار. خوتەنلىكلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە بايراقدار بولۇشقا مۇناسىپ.
نۇرغۇن يولداشلار شىمالى شىنجاڭدىكى ياپيېشىل يايلاق،قارىغايزارلىقلاردىن پەخىرلىنىپ،ئۆزىچە خوتەننى يارىتىشمايدۇ،لېكىن شۇنى بىلمەيدۇكى،شىمالنىڭ يايلاق،تاغلىرىنى ھىچبىر ئادەم بىنا قىلغان ئەمەس،ئۇ پەقەت تەبىئەتنىڭ مەنزىرىسى خالاس.ئەمما خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇ،ئاتۇش،كورلا،قۇمۇل،تۇرپان،ئىلىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ياشاۋاتقان كەڭ دېھقانچىلىق رايونلىرى،يېزا-بازارلار ئەمگەكچان،تىرىشچان،جاپاكەش ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ـۈجۈپىلەپ بىنا قىلىنغان.ئۇيغۇرلار يېشىللقنى ھەممىدىن بەك سۆيسە كېرەك!ئۇيغۇر بار يەردە يېشىللىق بار!ئۇيغۇر بار يەردە سۇلار پاكىزە، گۈزەللىك،مېھرىبانلىق جىلۋىلىنىپ تۇرۇدۇ.بىز مۇشۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.