مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .
بەك تەسىرلىك ئىكەن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى .
ھاجى مۇختەر بۇغرانىڭ ‹‹مېھرى -شەپقەت >> دىگەن شئىېى ئىسىمگە كىلىپ قالدى .شۇنى بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم .ھەر ۋاقىت ئادەملەر ئوخشىمىغان مېھرى -مۇھەببەتكە مۇختاچ بولىدىكەن .مەن بۇ شېئىرنى بەك ياقتۇراتتىم .
مېھرى-شەپقەت
مۇختار بۇغرا شېئىرى
يېغىپلا تۇرسا مېھرى يامغۇرى يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس،
ئىنسانى سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك قايسى بىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس .
سۆيگۈدۇر سۇبات سۆيگۈدۇر زىننەت مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات !
ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇلۇغ بىر ئەسەر ،شەپقەت يەتكۈزۈش دېمەك مۇندەرىجە، '
قىسمەتكە تولغان پىشانىمىزدا ئىلاھى شۇئار سۈزۈكتۇر شۇنچە.
ئانا سۈتىدىن باشلىنار قۇتات مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!
ئانا مىھرىدىن كۆز ئاچتۇق تولۇق، باراۋەرلىكتىن ئالەم يۇپ- يورۇق،
يىتىم رىزقىغا چاڭ سالساق ئەگەر، بولۇپ كەتمەمدۇق دوزاققا تۇترۇق،
تەڭ باراۋەرغۇ ئەسلى ئادەم-زاد، مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!
ئېرىقتا سۇنى بىللە ئىچىدۇ، بىللە تىكىلگەن سۇۋادان تىرەك،
ئەلگە بىرىمىز شۇندىلا شەربەت، قاتارى تۇرساق ئانار دانىسىدەك.
ئىناقلىق بىلەن گۈزەل كائىنات مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!
ساخاۋەت دېگەن مال-دۇنيا ئەمەس،ئككى كەلىمە تەسەللى سەۋر،
ئۆزگىگە داننى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، ئۆزىگە تاشنى قالدۇرار غەلۋىر.
ھارام مال-دۇنيا ئىمانغا داغ-دات! مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!
يىلغا باھانە كۆرسەتسەك بىكار ،ئۇنتۇلۇپ كىتەر كۆڭۈلدىكى داغ،
ئۇنتۇلار ھەممە ئۇنتۇلماس پەقەت ساۋاب، ياخشىلىق بىنا قىلغان باغ،
بىردەملىك ئىكەن نالە-يۇ پەرياد، مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!
نەغمە بولسىلا ئېچىلماس كىشى، توقلۇق بولمىسا مېھرى-شەپقەتتىن،
تەقدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيلى دوستلا، دىللار سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببەتتىن ،
نەپرەت-شەپقەتكە تولغان بۇ ھايات، مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!
ئۇز تەبىئەتنىڭ كاجلىقى تۇتسا، شاختىلا نابۇت بولار گۈل-چېچەك ،
مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ دۇنيا، چىن دەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى چۆچەك،
نادانلارغىلا ئەرمەك ياغاچ ئات، مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!