nasrulla يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:35 AM
مەن بانكىدىن قەرز ئېلىپ باقمىدىم، مىنىڭ نۇپۇسۇم كورل ...
بۇنداق ئەھۋالدا سەل تەسرەك بوپ قالىدۇ، شۇنداقتىمۇ سىناپ بىقىڭ، خەنلەرمۇ نوپۇسى ئىچكىرىدە تۇرۇقلۇق شىنجاڭ بانكىلىرىدىن مىليونلاپ قەرىز ئالىدىغۇ.
دۇكىنىڭىزغا قاراشلىق ئاھالىلەر ئىش بىجىرىش ئورنىدىن بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ئىلىپ. دۇكىنىڭىزنىڭ باج، بازار باشقۇرۇش كىنىشكىسى دىگەندەك قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرىنى، دۇكان ئىگىسى بىلەن تۈزۈشكەن توختامنى ئىلىپ پوچتا بانكىسىغا بىرىڭ، ئۇلار دۇكاننى كۆرۈپ ئەڭ كۆپ بولغاندا، ئومومىي مەبلىخىڭىزنىڭ %80 گە باراۋەر بىر يىللىق قەرىز بىجىرىپ بىرىدۇ، ئەڭ مۇھىم شەرىت سىزنىڭ باشقا بانكىغا قەرزىڭىز بولماسلىقى كىرەك.
ئاھالىلەر ئىش بىجىرىش ئورنى: تەۋەلىكىمىزدىكى نەسرۇللا مالچى
پالانچى يەردە مانداق-مانداق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قانۇنغا خىلىپ ئىش ھەركەتلىرى يوق، قەرىز بىرىلسە بولىدۇ، دىگەندەك تونۇشتۇرۇش قىلىپ بىرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى جۇمۇ، قىلىپ بەرمەسلىككە ھەددى ئەمەس.
قەرىز ئالالىسىڭىز مۇددەت توشقان كۈنى قايتۇرىۋىتىپ 3 كۈننى ئۆتكۈزۈپ يەنە قايتا قەرىز بىجىرەلەيسىز، ئۇ ۋاقىتتا تونۇشتۇرۇش كەتمەيدۇ، ئەما مۇددەت توشقان كۇندىن بىر كۈن ئىشىپ كەتسە سوتنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز
، شۇڭا قانداقلابولمىسۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىۋىتىپ، 3 كۈن توختاپ يەنە كىرسىڭىز ناھايتى ئاسان قەرىز بىجىرىپ بىرىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك خىرىدارىغا ئايلانغان بولىسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 11:38 PM