atauqun يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:02 PM
ئاڭلىغان ، بىراق جىنايى ئىشلار رازىۋىتكا ئەتىرتىدە ي ...
ساقچى يولداش سىزدىن مۇشۇ بىر قانچە خىل سوئال قوياي؟ مۇۋاپىق جاۋاپ بەرسىڭىز؟
بىرىنجى:
دولىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ، نىگىزلىك قانۇندا، مەجبۇرلاش ۋاستىسى، تۆكمە قىلىش ، قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟
ئىككىنجى،:
جۇڭخۇا خەلق جۇمغۇرىيىتى، ھەربىر پۇقرانىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بولامدۇ، ھەم مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى قوللىنىش تۇغرىمۇ؟
ئەگەر،مۇشۇ تىلىكامىرانى ئورنىتىىپ بىرىدىغان ئورگان ياكى سودا ساراي، سودا سارايدىكى ھەربىر دۇكانغا ئورناتماقچى بولغان ھەربىر تىلىكامىرانىڭ ئورنىتىش ھەققى، بىر قانچە چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى دۇكان ئىگىسى ئۇستىگە ئالامدۇ؟
بۇ ئورنىتىش ھەقىقىنى، سودا ساراي، دولەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ھەمممسى بىر لىكتە ئۇستىگە ئىلىش كىرەكمۇ، ياكى شەخسەم دۇكان ئىگىسىلا ئۇستىگە ئىلىشلا كىرەكمۇ؟
ئەگەر دۇكان ئىگىسلا ئۇستىگە ئالىدۇ بارلىق چىقىمىنى دىسە، بۇ قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟
ئەگەر، ئاشۇ دۇكانغا ئوغرى كىرىپ قالسا، دۇكاندىكى مال مۇلۇك ئوغرىلىنىپ قالسا،شۇ دۇكاندىكى ئوغرىلانغان مال مۇلۇكنىڭ زىيىنىنى كىم تولەيدۇ؟ سودا ساراي ئىگە بولامدۇ؟
چۇنكى دۇكان ئىگىسى خاتىرجەم ھالدا، دۇكاندا تىل كامىرا بارغۇ دەپ، دۇكاننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەنسىرمىسە، تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە كىم ئىگە بولىدۇ؟
سودا ساراينىڭ مەسئولىيىتى بارمۇ يوق؟
ئەمدىكى گەپ:
ھازىر دۆلەت بىخەتەرلىكى، رايۇن بىخەتەرلىكى، خەلىق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، كۈزگە تۇتقان ئاساستا ھەرجايدىكى، رايۇنلارغا، تۇت دۇقمۇشلارغا تىلكامىرا بىكىتىلدى.
پۇقرالار، ئوزىنىڭ مال مۇلىكىنىڭ جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ پۇلاپ كىتىشى، ئوغرىلاپ كىتىشتىن ئەنسىرمەيدىغان بولدى.
بۇنى قوللاشقا ئەرزىيدۇ. قوللايمىز.
بىراق، شۇ تىلكامىرا مەسىلىدە، تىلكامىرا پۇلىنىڭ يۇقۇرلىقى، ھەم شۇ تىلكامىرانىڭ ئاشۇ تىلكامىرا دۇكاننىڭ بىخەتەرلىكى قوغدىيالامدۇ.. تۇيۇقسىز، ئاشۇ تىلكامىرادا مەسىلە چىقىپ قالسا قانداق قىلغۇق؟
تىلكامىرا ئورنىتىش، دۇكانغا ئارتۇق ئىش بولۇپ قالامدۇ، خرىدارلارغا ئىشەنمەسلىك ئامىلىنى كەلتۇرۇپ چىقامدۇ دىگەن ئويلارنى ئويلاپ قالغان بولشى مۇمكىن دۇكان ئىگىسى.
مىنىڭ ئاخىردا دەيدىغىنىم. ئەڭ ياخشىسى دۇكان ئىچىگە تىلكامىرانى ئورنىتىڭ!
بۇنى بىرقانچە خىل پايدىسى بار!
بىرىنجىدىن. دۇكاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرمەيسىز.. بىخەتەرسىزلىك بولسا، سودا ساراي مەسئول بولىشى مۇمكىن
ئىككىنجىدىن..
ئەگەر، سىز دۇكانغا تىلكامىرانى چىڭ تۇرۇپ ئورناتمىسىڭىز، تۇيۇقسىز، دۇكىنىڭىزغا ئوغرى كىرگەندە، شۇ دۇكىنىڭىزنىڭ يىنىدىكى دۇكانغا ئوغرى كىرسە بىرلا ۋاقىتتا، سىزنىڭ تىلكامىرا ئورناتمىغانلىقڭىز سەۋەبىدىن، يىنىڭىزدىكى دۇكاننىڭ زىيىنىنى تولەپ قالىسىز!
خۇددى، بىرسى مۇنچىغا كىرىپ، تىيلىپ كىتىپ يارلانسا، يارلانغۇچى مۇنچىچى ئۇستىدىن ئەرىز قىلسا، سوت مۇنچىچىغا يارلانغۇچىنىڭ پۇتۇن چىقىمىنى تولەپ بىرىشنى بۇيرىسا... مۇنچىچى سوتنىڭ ھوكمىىگە قايىل بولمىسىمۇ ئامال يۇق.
چۇنكى، مۇنچىچى‹‹ بۇ مۇنچا ئىچى تىيلغاق،، بىخەتەرلىكىڭىزنى كۆزگە تۇتقان ئاساستا، ئاۋايلاپ ئالدىرماي يۇيۇنغايسىز.... چۇنكى سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىز ھەممىمىز نىڭ بىخەتەرلىكى ›› دەپ، ئاق ۋاراقچىغا يىزىپ تامغا چاپلاپ قويمىغانلىقى ئۇچۇن تولەم تولەشكە مەجبۇر بولدى!
ھەممىدىن مۇھىمى ئەسكەرتىش قىلمىدى!
شۇڭا، ئامال يوق شۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىڭ،، قىلماي دەپمۇ ئامال يوق!
چۇنكى بىز بەكلا دورامچۇق...
ئاۋۇ ئورناتمايدىكەن كامىرانى مەن ئورنىتامدىم كامىرانى دەپ نارازىلىق بىلدۇرىدىغانلار يوق ئەمەس، چۇنكى بىرسى بولسىمۇ چىقىم قىلمىدى دەپ ئويلايدىغان يوق دىيەرلىك!