Bilge يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:06 PM
ئەگەر سىز بىرەر كاۋابچى ياكى ساتىراشنى تەكىتلەپ تۇرۇپ ...
ئىنكاسىڭىز ماڭا باشقىچە بىر يىڭىچە دەرىسلىك بولدى دەپ قارايمەن بىلىگە ئەپەندى . ھەقىقەتەن بىر كىشىنى شۇ كىشنىڭ قىلىۋاتقان كەسپى خىزمىتىىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇرغۇسىنى يۇقۇرى ۋە شۇ ئىسمنى ئىپادە قىلىدىغان سۆزنىڭ تاماملىنىش ۋاقتىنى نورمال ۋاقىتىتن زىيادە قىسقا ھالەتتە قىلىپ چاقىرساق ، بۇ ئاۋاز ھەقىقەتەن شۇ كىشىگە بىر خىل كۆزگە ئىلماسلىق ياكى مەسخىرە قىلىشتتەك تۈيغۇنى بىرىپ قويىدۇ .
مەن بەكلا زىيادا سەرگۈزلۇك كىسىلى بارمۇ قانداق ؟! سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ شۇندقا ئويغا كىلىپ قالدىم .
بۇ ھەقتە مىسلا ئالسام .
....ئادەتتە مەن كوچىدىن ھويلىغا كىرىپ كىتىش جەرياندا ، دەرۋازنى ياپماقچى بولسام ، كوچىدا ئوتۇپ كىتىۋاتقان تونۇش بىرسى بارمۇ يوقمۇ دەپ قاراپ باقىمەن . ئەگەر تونۇش بىرسى بولمىسا دەرۋازىنى يىپىپ كىرىپ كىتىمەن . ئەگەر تونۇش بىرسى كوچىدا قورۇيۇمغا يىقىنلاپ كىلىپ قىلىش ئىھتىمالى بولسا بىر نەچچە سىكنۇت ساقلاپ تۇرۇپ ، شۇ كىشى دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىغا يىتىپ كەلگەندە ئەخلاق يۈزىسىدىن شۇ كىشى بىلەن بىر قۇر سالاملىشىۋىتىپ ئارقىدىن ئۇ كىشنى يۈزەكى ھالدا بولسىمۇ ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ قويۇپ ، ئۇ كىشى مەن بىلەن خوشلىشىپ بولغاندا دەرۋازىنى يىنىك يىپىپ كىرىپ كىتىمەن ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ مىنىڭ ئۇدۇلىمغا يىتىپ كىلىشىگە مىنۇت ۋاقتى بولسا ، دەرۋازىنى يىپىپ كىرىپ كەتسەم كۆڭلىگە يەتمىگەن خىيال يىتپ قالمىسۇن دىگەن، مەقسەتتە دەرۋازىنى ياپماي كىرىپ كىتىپ ئازىراق ۋاقىتتىن كىيىن قايتىپ چىقىپ دەرۋازىنى تاقىۋىتىپ كىرىپ كىتىمەن .
مەنغۇ ئانچە يۇقىرى بايلاردىن ئەمەس . شۇنداقتىمۇ ، ھىيىت-ئايەم كۈنلەردە تولا ھاللاردا تەڭتۇشلىرىمگە قارايمەن، كۆپ قىسمى ئادەتتىكىچە كىيىنگەن بولسا ،ئۆزۈمچە بىئارام بولۇپ يىڭى كىيىم-كىچەكلەرنى سىلىۋىتىپ ئادەتتىكىىچە كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىۋالىمەن .
...... بىرەر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىرىشنى ئويلاشقان بولسام ،ئۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىرىشتىن بۇرۇن ،ئۇ دوستۇمنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ ، ئىقتىساتلىق ئائىلە بولسا ئىسلراق ، ئادەتتىكىچە ئائىلە بولسا ئاددىيراق كىينىپ بارىمەن . مەقسەت نىمە تۇرمۇشتا قولى قىسا دوستۇم مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا بىئارامچىلىق تارتىپ قالمىسۇن ياكى پەرىشانلىق ھىس قىلىپ قالمسۇن دەيدىكەنىمەن .
....تىجارىتى ياخشى بولمايۋاتقان دوستۇمدىن بىرەسى .ئاداش بۇ كۈنلەردە ئىش-ئوقۇتىڭ قانداقراق ؟ -دەپ سوراپ قالسا ، ئاداش مۇشۇ ئاي-مۇشۇ كۈنلەردە پۇل تىپىىش يامان تەس بوپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ ! ئىشلار تازا كۆڭۇلدىكدەك ئەمەس دەپ قويىمەن . مەقىسەت مەندىن قەرىز سوراپ سالامىكىن دەپ ئەمەس . باشقا دوسلىرىنىڭ ئىشى ئوخشاۋاتقاندا ،ئۆزىنىڭ ئىشى ياخشى بولماي باشقا دوسلىرىنىڭ ئالدىدا بىر ئاز قورۇلۇپ قالمىسىۇن دەيمەن .
....ھەتتە يۇقارقى ئادىتىم ئازلىق قىلغاندەك ،يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىمۇ غەلتە بىر مىجەزىم بار . گۆش تۈرىدىن كەپتەر ، باچكا ، توشقان ، قۇشقاچ .توخۇ .....دىگەندەك ئۇششاق جانۋارنىڭ گۆشىنى يەپ قالغاندا بىئارام بولۇپ قالىمەن . شۇڭا ئىمكان بار يىمەسكە تىرىشىمەن ، ئەگەر دوسلار ئارا ئولتۇرشلاردا ئومۇمى ئېستىمال ئادىتىغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن بىرەر قىتىم يەپ سالسام ، نەچچە كۈنگىچە چىۋىن يەۋالغاندەك بوپ قالىمەن .
بۇ ھەقتە قەلبىمنى تىڭشىسام ، مەقسەت ، بۇلارنىڭ جۇغى مەندىن كىچىك ، جىسمانى جەھەتتە مەندىن ئاجىز بولغاچ ، خۇددى چوپچڭ بىر ئەر كىشى يىگىلى بىر نىمە تاپالمىغاندەك ، قاراپ تۇرۇپ ئۆزۇمدىن بەستىلك كۈچلۈك جانۋارلارنىڭ گۆشىنى ئۇلاردىن قورقۇپ يىيەلمەي ، بوزەك قىلىشقا ئاسان بولغان كىچىك جانلىقلارنى بوزەك قىلىپ ئۆلتۇرپ يەۋالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىمەنكەن .
بۇ جانلىقلارنىڭ گۆشىنىڭ ھالال ئىكەنلىگىنى بىلىمەن . ئاللاھ يەڭلار دىدى دەپلا تۇتقان يەردە ئولتۇرپ يەپ نەپسىمىزنى تويغۇزۇش بىلەن بىرگە بەدىنىمزنى سەمىرىتسەك بىر خىل ئەخلاقسىزلىك ھىساپلىنىدۇ . يولى كىلىپ دىيارىمزىدا ئاچارچىلىق يۈز بىرىپ يېزا-ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق ئالغىلى بولمىغان ياكى بىرەر كىسەل بىلەن ئاغىرىپ قىلىپ . بۇ كىسلگە يۇقاردىكى تىلغا ئىلنىغان شۇ جانلىقلارنىڭ گۆشى دورا بولۇپ قالغان شارائىيىت ئاستىدا گۆشىنى يىسەك بۇ باشقا گەپ دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمەن .
.... سورۇنلاردا بەزىلەر ئۆز توغۇرسىدا كۆپ كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرۇپ سۆز ئىچىپ ،سۆز ئىچىش نۆۋىتى ماڭا كەتسە، تولا ھاللاردا ئۆزۇم ھەققىدە يۈزەكى تونۇشتۇرپلا ئۆزۇمنى چۈشۈرۈپ بىرىمەن ......بۇ تەرەپتىنغۇ يامان زىيان تارىتتىم .لىكىن مەيلىغۇ .
....ئائىلدىكى قىرىنداشلىرىم مەھەللىدىكى بىرەسى بىلەن زىددىيەتلىشپ قالسا ، سەۋەنلىك قىرىنداشلىرىم ئارىسا بولسا يۈز خاتىرە قىلماي . قىرىنداشلىرىمنى باشقىلارغا باستۇرۇپ بىرىمەن، شۇڭلاشقا قىرىنداشلىرىم مىنى قىزىل پاچاق، خەقنىڭ دىپىنى چالىدۇ ، ساختا ئادالەتپەرۋەر ، بۇ ھىچ بىر بىزنى دورىمىدى ....دەپ قويدىكەن كەينىمدىن ، بۇ گەپلەرنىغۇ ئالدىمدا ھەرگىزمۇ دىيەلمەيدۇ . دىگەن كۈنى ئۇلارغا شۇ ۋاقىتتا ئېسىدىن چىقمىغۇدەك بىر خاتىرە قالدۇرۇپ قويىمەن . بەزىدە خاتىرىمۇ قالدۇردۇم. يۈزۇمنىڭ تۈكى بار ، ئىمكان بار بىرسىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن ياكى دىل ئازارى قىلمايمەن . بىرسى ئازىراق مىھرى بەرسە ئۇنىڭغا ئۆزى بەرگەندىن ئون ھەسسە ئارتۇق مىھرى-مۇھاببەت يەتكۈزىمەن .بىراق قىلغان ئەقىدەمنى خار قىلسا ، باشقىلاردەك ئاللاھغا قويۇپ قويدۇم ئاللاھ جاجاڭنى بىرەر ! دەپ ئولتۇرماي . قانداق قىسلام قىلىمەنكى زادى كۆزۇمنىڭ ئوچۇقچىلىغىدا ، شۇ كىشىنىڭ ۋەتۋەرىگىنى چىقىرتۋىتىپ ، ئاخىردا خويمۇ جاجاڭنى تاپتىڭ . شۇنچە قىلغان ئەقىدەمنى بىلمەي ،دەپسەندە قىلغاندىن كىيىن، مىنى بۇندىن كىيىن ئەسلەپمۇ قويمىغۇدەك ساۋاق بىرىپ قويدۇم ، بۇندىن كىيىن مىنى كۆرسەڭ يەرگە تۈكۈرۈپ ئۆتۈپ كەت ! - شىمىنڭنىڭ پۇشقىغىنى قىقىپ قوي ! كۆزۈڭنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ تازا ئالايتىپ ، غورا يىگەن موزايدەك گۆلىيىپ ئۆتۇپ كەت ! يىقىن دوسلىرىڭغا مىنى مەلئۇن ، ئادەم ئەمەس ، تۈك يۈز، ئىت مىجەز دىگەندەك ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن تەشۋىق قىل ! دەپ قويۇپ ئالاقىنى بىر ئۈزىمەن بولدى ئۇ كىشى بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ كىتىمەن .
.....قىساسكارلىغىم يامان كۈچلۈك ،بۇ جەھەتتە ياپۇنيەنىڭ ساموراي روھىينىڭ ، خاتا بىلەن توغىرنى ئۇنتۇغان ھالدا ،بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن سامرۇي ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دىگەن سامرۇي روھىنىڭ قائىدە-نىزامنامىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ . ئادەتتە تولا ھاللاردا باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشپ ئۇرۇشۇپ قالىمەن ياكى بەزى شەخسى ئىش بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىمەن . مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ھەر دائىم باشقىلارنى ئۇرىۋالىمەن دىگىلى ياكى ئۆ
زىمزىدىن كىچىكلەر بىلەن ئۇرۇشىمەن دىگىلى بولمايدىكەن ،جىدەل باشلىنىپ ئازىراق ئۆتە-ئۆتمەيلا ، كۆزىمىزگە كىىچپ كۆرۇنگەن ئادەمنىڭ بوي-بەستى رامبودەك ئۆز ئاكىسى ياكى نەۋرە ئاكىسى پەيدا بولۇپ قىلىپ ئىشلاردا بىز ئويلاپمۇ باقاميدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ قالدىكەن . مۇنداق تەڭسىز ئۇرۇش-جىدەلدە ، ئون قىتمنىڭ ئىچىدە كەم بولغاندا ئالتە قىتىم ياكى يەتتە قىتىم تاياق يەيدىغان ئىش بولىدىكەن . بۇ ۋاقىتلاردا مىنى ئۆزۇمدىن كىچىكلەر ئۇرىۋالسا ھىچقانداق پىكىرىم يوق . كىم مىنى كىچىك ئادەمدىن تاياق يىسۇن دەپتۇ ئۇ يىگەن ناننى مەنمۇ يىگەن تۇرسام ، دىگەندەك تەسەللى بىلەن بولدى قىلىمەن . بىراق مىنى ئۇرىۋالغۇچى مەندىن چوڭ ،مەندىن بەسىتلىك بولسا ، ئۆزۈمچە . نىمە ماۋچۇ ئىت گۈي نۇمۇس قىلماي ئكزىنىڭ ئىنىسىدەك ئادەمنى رەھىم قىلماي تازا ئۇردۇ . نوچى بولسا مەندەك كىچىك ئادەمنى تەيچۇر تىشدەك يۇمۇلىتىپ يۈرۈپ ئۇرماي . رامبودەك ، سىيىت نوچىدەك ، سادىر پەلىۋاندەك .....كىشلەر بىلەن مۇشلاتسا بولمامدۇ دەيمە ئىت گۈي دىگەندەك ، بارابەر دوئىلغا چۈشۈش قانۇنىيتىگە تولىمۇ خىلاپ يۈز بەرگەن بۇ ئىشنى پەقەت كۈندىزى خىيالمىدا كىچىسى ئۇيقۇمدا پەقەت ئۇنتالماي ، تاكى شۇ ئادەمنى قانداق قىلسام قىلىپ ئەدەپىنى بىر بىرىپ ئۆچۈمنى بىر ئىلىۋالمىسام كۆرگەن راھەتلىرىم راھەت بولمايدۇ .
...ماۋۇسى يامان بىر قىزىق مىجەز مەندىكى بىلگە ئەپەندىم . توي ئشىىمدىمۇ .مەن توي قىلماقچى بولغان قزغا قارتا شەرتىم يامان قىزىق . مەن بلىەن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ بويى چوقۇم ئىگزرەل بولۇشى ، بوي-بەستىمۇ مەندىن بەستلىك بولۇشى كىرەك دەپ ئويلايمەن ھەر دائىما . بۇ ھەقتىكى شەرتلەرنى ئاڭلاپ دوسلىرىممۇ يامان ماز قىلىدۇ مىنى . ئويلىسام ، بوي بەستى كىچىك قىزنى تويلسىام خۇددى سىڭلىمدەك ياكى ئاجىز ناتىۋان بىرسىنى بۇلىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىمەنكەن . بۇ بىر خىيالى تۇيغۇ خالاس .
......يۇقۇرقىدەك ئىشلار توغۇرسىدا سۆز ئاچسام يامان نۇرغۇن غەلىتە مىجەزىم بار ، بۇ مىجەزىمنىڭ ياخشى مىجەزمۇ ياكى ناچار مىجەزمۇ ؟ بۇ ھەقتە ئىنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن . بۇ خاراكتىر ماڭا نەدىن يۇقتى بۇ ھەقتىمۇ ئىنىق بولغان بىر چۈشەنچە يوق . بەلىكم كىچىك تۇرۇپلا ئاتا-ئانا تەربىيسىدن ئايرىلپ قىلىپ ، تۇرمۇشتا يولۇققان ئىشلاردا كۆپۇنچە قەلبىمنى تىڭشاپ ، قەلبىم گۇۋالىق بەرسە قىلىپ . قەلبىم ياقتۇرمىسا بولدى قىلىپ دىگەندەك ئۆز تەپەككۇرۇم بويۇنچە ئىش كۆرۇپ كىلىش جەرياندا يىتىلپ چىققان ئادەتمىكىن دەپمۇ قالىمەن .
ھەي تۆۋا ! سىزنىڭ ئىنكاسىڭزنى كۆرۇپ بىلگە ئەپەندىم يۇقارقى غەلىتە ئادەتلىرىم كۆز ئالدىمدىن كارتىندەك بىر قۇر ئۆتۈپ كەتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 11:12 PM