گەرچە يۇقۇرقىلاردەك بەزى بەك چەكتىن ئېشىپ كېتىشلەر بولمىغىنى بىلەن، بىزنىڭ
شىنجاڭنىڭ ئالى مەكتەپلىرىدىمۇ ، تاماق ياپ بولغاندىن كېيىنكى شىرە ئۈتى ، ئەتراپى پۈتۈن ئاشخانا ، خۇددى ئېغىلدەك ياكى ئەخلەتخانىدەك بولۇپ كېتىدۇ... مەيلى
قەيەردىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئەڭ كېمىدە 10-11 يىل
مەكتەپ تەربىيەسى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى، ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى....
ئەفسۇس.
لېكىن بۇ رېئاللىق. بۇ دەل بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى.
مائارىپ ئەسلى ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ئادەم تەربىيەلەشتە ئەڭ ئالدى بىلەن،
ئىنسانى ئەخلاقۋە ئادەم بولۇش تەربىيەسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، ھېچقانداق ئېتىقاد
ئاساسىغا قۇرۇلمىغان مائارىپ تەربىيەسى، ئەمىليەتتە نىشانسىز قېيىقتەك، پايانسىز ئوكياندا
تېڭىرقاپ، بىر دەم ئالدىغا مېڭىپ، بىر دەم كەينىگە مېڭىپ، ئېنىق نىشانىنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ.
نەتىجىدە قۇرۇق گەپتىن باشقىسى بولالمايدۇ، خالاس. بىزنىڭ مائارىپىمىزدا، ئاتىزىم يېتەكچ
ى روھ قىلىنغان كوممۇنىزىم ئېتىقادى((ئىنسان ئۆزى توقۇۋالغان ئېتىقات ، قانداقمۇ ھەقىقى
ئېتىقاتنىڭ ئورنىنى باسالىسۇن؟) ئاساسىدىكى ئاتالمىش كوممۇنىستىك ئەخلاقتىن باشقىسى
تەكىتلەنمەيدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ...
مېنىڭچە، دۇنيادا ئادەم تەربىيەلەش مائارىپ ئەندىزىسى جەھەتتە، ياپونىيەنى ئۈلگە قىلىش
ئەڭ مۇۋاپىق. يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ، ئالى مائارىپقىچە بىر يۆنىلىشتە ماڭىدۇ. يەسلىدىن
تارتىپ ئەدەپ قائىدە، نومۇس ، ئۆزىنىڭ ئىنسانى قەدىر قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى ساقلاش، پاكىزلىق،
راستچىللى، قائىدە تۈزۈمگە، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ...قاتارلىق بىر قاتار تەربىيەلەر باشلىنىدۇ.
ئائىلە بىلەن مەكتەپ،جەمىيەت بىر گەۋدە بولغان ھالدا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ.
شۇڭا، ياپون جەمىيىتى خۇددى، ئەدەپ قائىدە، ئىنتىزامچانلىق، پاكىزلىق، راستچىللىق....يۇمشاق
دېتالىنى قاچىلاپ قويغان ماشىنىدەك، ھەممە ئىشلار شۇنداق رەتلىك، قائىدە بويىچە، ئىشەنچىلىك
ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۇقۇرىقىدەك قىلىقلار ئالى مەكتەپ ئەمەس، باشلانغۇچنىڭ باللىرىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.
مۈمكىن بولسا، باشقىسىنى قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماق يىيىش
جەريانىنى بىر رەتكە سالغان بولسا... يەنى، ياپوندىكىدەك، ھەممە ئادەم ئۆزى پەتنۇس بىلەن
تامىقىنى جوزىغا ئاپىرىپ يەپ، يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەخلىتىنى يەنە، ئۆزى ئەخلەت تاشلايدىغان
جايغا، قوشۇقنى قوشۇق بار جايغا، كويزىنى كويزا قويىدىغان جايغا، يۇيىلىدىغان قاچا قۇچىلارنى ،
يۇيىدىغان جايغا قويۇپ ماڭسا، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەردە ياكى جوزىدا بىرەر تالمۇ
ئەخلەت بولماي، خۇددى كىرگەن چاغدىكىدەك پارقىراپ تۇرسا.... مانا شۇ چاغدا ئادەم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساپاسىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتى... مېنىڭچە يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلسا، باشقىلار
قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار بۇنى چوقۇم قىلىپ كېتەلەيتى، دەپ ئويلايمەن. قېنى
بىر يېتەكلەپ باقمايلىمۇ؟ ئەمىليىتىمىزدە كۆرسىتىپ باقمايلىمۇ؟