ۋۇي ھەممىڭلار سۆزلەپ كىتىپسىلەر باققىنىڭلارنى ، مەنمۇ دەپ قۇياي ئىككى شىڭگىل : مەنمۇ كىچىكىمدە كۈچۈك بېقىپ باققان ، باشلانغۇچتا ئۇقۇۋاتقان چاغدا بىر سېرىق كۈچۈك بېقىپ كىيىن باشقا جايغا كۈچۈپ كەتكەندە ساۋاغدىشىمغا بېرىۋەتكەن ، ئاڭلىسام چوڭ بۇلۇپ شۇنداق يامان پادىچى ئىت بۇلۇپ كىتىپتۇ ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا بىرئالا بويناقنى باققان ، گەپ دىگەننى 5ياشلىق ئۇكامدەكلا ئاڭلاپ قۇياتتى ، مەن بىلەن بىللە چېنىقاتتى ، ھەربى تۈزۈمدە باشقۇرۇپمۇ قوياتتىم ، ئۆيگە كىرگەن مىھمانلارغا قول بىرىپ كۆرۈشۈپ قويۇشلىرى بار ئىدى ، كىيىن بىر ھېيت مەزگىلىدە تۇخۇم شاكىلى يەۋىلىپ قان ياندۇرۇپ ئۆلۈپ قالدى ، بەك قىينالدى بىچارە ....ئىچ ئاغرىقىمدا يىغلاپ تۇرۇپ كۈمۈپ قويغانتىم . مۈشۈككىمۇ شۇنداق ئامراقتىم ، لىكىن نىمىشقىكىن سەل چوڭ بولغىنىمدىن كىيىن مۈشۈك بار ئۆيدە ئۇخلىسام ، مىنى دەھشەت قارا باساتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئوڭۇمدا مۈشۈك بىلەن ئويناشساممۇ ، مۈشۈك بار ئۆيدە قەتئى ئۇخلىماس بولدۇم . ھازىرمۇ شۇنداق ، مۈشۈك بار ئۆيدە ئۇخلىسام قارا باسىدۇ ، ھەيرانمەن !
خىزمەتكە چىققاندا بىر چايان باقتىم
، كېسەكنىڭ ئاستىدىن تۇتىۋېلىپ ئەينەك شىشىگە سېلىپ يىمەكلىك تاشلاپ بەرسەم 3كۈنگىچە يىمەي -ئىچمەي ، مىدىرىماي يىتىۋالدى بۇ مەخلۇق ، تېخى ئۆزىنى ئۆلگەنگە سېلىپ تۇرىۋېلىشى بار ، تۆتىچى كۈنى چىۋىندىن بىرنى تۇتۇپ قۇتىغا قۇيۇپ بەرسەم ، چىۋىن تولا گىژىلداپ ئۇچۇپ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويدىمۇ ، بۇ چايان ئاخىر مىدىرلاپ چىۋىننى بىر قاماپ بىلەن تۇتىۋالدى -دە يېرىم سائەتنىڭ ئىچىدە چىۋىننىڭ يۇمشاق قورسىقىدىن باشلاپ ئاندىن پۇتىنى ئاندىن كۆكرىكىنى ، ئاخىرىدا بېشىنى يەپ «مېڭىسىنىڭ » قېپىنى تۈكۈرۈپ چىقىرىۋېتىپ ، پۇت قوللىرىنى قېقىشتۇرۇپ جىممىدە ئارام ئېلىپ ياتتى ، شۇنداق تۇرۇپ 15كۈن چىۋىندىن بىرنەچچىنى يەۋىتىپ ئەينەك قۇتىدا ماكان تۇتۇپ ياتتى، مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇتىدىن قېچىپ چىقىپ ، «تۇتقۇن » قىلغىنىمغا مەندىن ئۆچ ئېلىپ نەشتىرىنى سانجىپ يۈرمىسۇن دەپ (گەرچە ئۇنداق نەشتەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن تېتىپ باققان بولساممۇ ) ئاستا قۇيۇپ بەرگەن ...چاياننىڭ بالىسى بەك ئوماق بولىدىكەن ،ساپسېرىق ، سۈپسۈزۈك ، ئاڭلىسام چايان بالىلىرىنى دۈمبىسىگە تۇغارمىش ، تۇخۇمدىن چىقىپ ئاپىسىنىڭ ئەت-گۆشلىرىنى يەپ چوڭ بۇلارمىش ...لىكىن كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ باقمىدىم ، راستمىدۇ ؟