ئەڭ يىڭى مۇزىكىلىق قوڭغۇراق توۋا دەيمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى :
مەن سىلەرگەئۇزۇن ۋاقىت تىرىشىپ مۇزىكا ئىشلەش ،ئاكورتلاشتۇرۇش ،ئاۋازغا ئىلىش نەتىجىسىدە ئىجادىيەت قىلنغان دوستۇم مەردان مەمتىمىن ئىجادىيەتلىرىدىن ئىككىنى سوۋغات سۈپىتىدە ئىلىپ كەلدىم .
<توۋا دەيمەن > تىمىسىدىكى ناخشىمىزنىڭ تىكىستى مەرھۇم شائىرىمىز روزى سايىت ئەپەندىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن ھەم دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن ناچار قىلمىشلەرنى قاتتىق قامچىلىغان. بۇ تىكىسىتنى ئاكورتلاشتۇرۇپ ،ئاۋازغا ئىلىپ 2008يىلى ئۇلىنىش تورىدا ئىلان قىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلار ۋە سەنئەت سۆيەر خەلىقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە . تورداشلارنىڭ ۋە رىئال دۇنيادىكى دوسلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن‹ توۋادەيمەن › ‹سىنى دىدىم› ناملىق ناخشىنى ئۈمىد تورىدا ئىلان قىلدۇق بەھىرلەنگەيسىلەر .
توۋا دەيمەن
توۋا دەيمەن بۇ بىر ئەۋلات كىملىشىپ كەتتى ،
ۋىجدانىنى زەي شور بىسىپ چىملىشىپ كەتتى .
قەشقەر خوتەن ئاش تۇزىدا ئەتلەنگەن تۇرۇپ ،
يۈرۈش تۇرۇش ئوي پىكىردە رىملىشىپ كەتتى .
يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس روھى زەيپانە ،
ئەقلى پۇلپەر غۇرۇرى دەز نىملىشىپ كەتتى .
قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس،شەرمى –ۋاپا كەم ،
بىشى چۇۋۇق كۆكسى ئوچۇق شىملىشىپ كەتتى .
تەڭلا ئەتە خۇسۇسىيغا لەۋزى پاراڭ يوق ،
جىسمى كەيپۇ – ئىشرەت بىلەن يىملىشىپ كەتتى .
بىشارەت بۇ گۇمراھلىقتىن يىتۇل غاپىللىق ،
تۇرقىتىڭدە شائىر تىت-تىت جىملىشىپ كەتتى.
تولۇق ناخشىنى چۈشۈرۈش ئادىرسى :
توۋا دەيمەن
مۇزىكىلىق قوڭغۇراق ئادىرسى :
http://umid.cn/space.php?do=ring&rid=810023930426
سىنى دىدىم
كەلمەي باھار زىمىستاندا ھەم ،
ھىجرانىڭدا قىينالدى جان .
ئىنتىزارمەن ۋاسلىڭگە جانان ،
سىنى دىدىم سىنىلا .
ئالمىشاركەن يىللارنىڭ پەسلى ،
جۈپ ئىكەنغۇ قۇشلارمۇ ئەسلى ،
كەلمەي پەقەت ۋىسالنىڭ پەسلى ،
سىنى دىدىم سىنىلا .
ئايرىۋەتتى شۇم پەلەك تەقدىر ،
سىنى ديمەن سىنى بەرىبىر ،
كۆرۈشەلمەي ئۇيقۇدىن بىدار ،
سىنى دىدىم سىنىلا .
ناخشىنى چۈشۈرۈش ئادىرسى :
سىنى دىدىم
مۇزىكىلىق قوڭغۇراق ئادىرسى :
http://umid.cn/space.php?do=ring&rid=810023930427
ھازىر پەقەت تىىلگىراف ئابونتلىرنىڭ چۈشۈرۈش لىنيىسى ئىچىلدى . كۆچمە خەۋەرلىشىش ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ لىنيىسى ئاللا خالسىا مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە ئىچىلدۇ .
2012-يىل 9-ئاينىڭ 15 كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8دە قاغىلىق ناھىيلىك كوئىنلۇن تىياتىرخانىسدا كىچىلىك ئۆتكۈزۈلدۇ .
قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئىجادىي ناخشىلاردىن ھوزۇر ئىلىپ مەنىۋى تۇرمۇشىڭلارنى بىيتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز .
مەنبە : دەتمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 01:14 AM