qintax يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 01:40 PM
بۇنىڭغا ھەيران قىلىپ ياقىلېرىڭلارنى چىشلەپ كىتىدىكەن ...
ياخشى ئىنكاس .
دىمىسىمۇ مال-دۇنيا دىگەننى ئۇ ئالەمدە ئىشلەتكىلى ياكى خەجلىگىلى بولمايدۇ . شۇڭا بۇ ئالەمدە نىمىگە ئىشلتەسە ئىلشلىتىپ بىر تەرەپ قىلىۋىتىش كىرەك .
ئاجايىپ مۇنبەرداشلار بار دە ؟! ھەممە مەسىلىنى ئۆزىمزىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا سېلىشتۇرپ مۇنازىرە قىلىدىغان . بۇلار دىن،ئىتقات. ئىنسانى ئەخلاق تۈيغۇسى دىگەنلەرنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنەمتى ؟
بۇلارنىڭ غايىسى نان تەككۇدەك ھوقۇق، ئېسىل ئۆي ، ئېسىل ماشىنا ،چىرايلىق ئايال ،داڭلىق قول تىلىفۇن ، بانكىدا يىتەرلىك مەلۇم قىممەتتىكى پۇل بولۇشتىن ئىبارەت بىر نەچچە تۈرلۈك ئىش ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىدۇ ۋە مۇشۇ مەنپەتنى قوغداش يولىدا ۋاستە تاللاپ يۈرمەيدۇ .
بۇلارنىڭ تاپقان مال-دۇنياسىغا ۋە بۇزۇپ چاچقان ئىقتىسادىغا كۆز قىزارتمايلى . مەيلى بۇلار خەجلىمەي كىم خەجلەيدۇ . بۇلارغا 60-50 يىل ئىلگىرى مال-دۇنيانىڭ قەدىرى شۇنداق ئۆتۇلگەن ،خارلانغان ،ئىزىلگەن ، خورلانغان ........مانا ئەمدى دولىسىغا ئاپتاپ چۈشۇپ ئىشىگى تۆت چىشلىق بولۇپ بولغۇچە مەينەتلەر ، پاسكىنا مەينەتلەر ...دەپ تىل سالمايلى .
بۇلار دىگەننىڭ ئاتا-ئانسىى غوللۇق ئىنىمتىيازى ئائىلىنىڭ بار ئەركە بالىغا ئوخشايدۇ. ئەركە بالا دىگەن شۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىمىنتىيازىغا ئىشىنىپ شوخلۇقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي ، نازلىنىپ باقىدۇ ، تولغىنىپ باقىدۇ ،قاپىقىنى تۇرۇپ باقىدۇ . مال-دۇنيالىرىنى چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ بۇ بىشىدىن قويۋىتىپ ئۇ بىشىدىن سۈزىۋىلىپ ،ئاپتاپقا يىيىپ ئۈستىدە ئىغىناقلاپ ياتقۇسى كىلىدۇ . ئاياللىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى مىكرو بىلوگلارغا چىقىرىپ مۇنبەرداشلارنىڭ ئايالى توغۇرسىدىكى ئايالىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن ، ساغىرسى ئانداقكەن ، فىگورسى مۇنداقكەن دەپ يازغان ئىنكاسلىرىدىن ھوزلىرلانغۇسى كىلىدۇ .
مەنچە بۇلار مەينەت ئەمەس ،ھارامدىن بولغانمۇ ئەمەس . ئەگەر ھارامدىن دىيىشكە توغرا كەلسە بىزلەرنىڭمۇ ئەجداتىمىزمۇ ھارامدىن بولغانلار بولىدۇ . ھالالدىن بولغان دەپ ، ئىسلام دىنى قائىدىسى بويۇنچە نىكاھ ئوقۇلغان ئەر-ئايالدىن تۇغۇلغان پەرزەنتىلەرنى دەيمىز . ئىسلام قائىدىس بويۇنچە نىكاھ ئوقۇتۇلماستىن ،باشقا بىدئەت يوللار بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان ئەر-ئايالدىن تۇغۇلغان پەرزەنتىلەرنى ھاراملىق دەپ قويمىز . مەنچە بۇ تۈپتىن خاتا . ئەگەر بۇ قاراش خاتا ھىساپلانسا بىزنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىمىز ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلىشتىن ئېلگىرى شامان دىنى ،بوددا دىنى ،ئاتەش دىنى .. قاتارلىق بىدئەت دىنلارنىڭ قائىدىسى بويۇنچە نىكاھلىنىپ بىر ياستۇققا باش قويغان ،پەرزەنىت كۆرگەن ، شۇ پەرزەنتىلەر ئارقىلىق ئەجداتىنى مانا بىزلەرگە ئۇللاشتۇرغان .
يىڭىدى ئىسلامغا كىرىۋاتقان كىشىلەرنى كۈندىكى تۇرمۇشىلاردا ياكى ئېنتىرنىت ئارقىلىق ئاڭلاۋاتىمىز ،دىمەك شۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇ كىشىلەرنى بىدئەت نىكاھ ئاستىدا ئىرىشكەن .
بىر پەرزەنىت مەيلى نىكاھلىق ئەر-ئايالدىن تۇغۇلسۇن ياكى نىكاھسىز تۇغۇلسۇن ئۇ بالا گۇناھسىز ھىساپلىنىپ . ئىنسانلىق ھەق-ھوقۇق ئىمىنتىيازىدىن باشقا بالىلارغا ئوخشاش بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ .
بىر بالا مەيلى زىنادىن توغۇلسۇن ياكى نىكاھتىن تۇغۇلسۇن ،ئۇ بالا پاك ،بىغۇبار ۋە مۇقەددەس جانلىق ھىساپلىنىدۇ . بۇ بالا كىينكى قەدەمدە ناچار ياكى ياخشى بولۇشى شۇ بالىنىڭ ۋەلىيسى يەنى تەربىيەتچىسىنىڭ تەربىيسىگە باغلىق مەسىلە .
مادامكى مۇنبەردە دىنسىز قىز-ئاياللارنىڭ بىرەر رەسىمى يوللىنىپ قالسا شۇنداق چىرايلىق ۋە كىلشكەن تۇرسىمۇ ، ئىچىمىزنىڭ ئاداپ كەتكەن سەۋەپلىك قىزغىنىش كۆرەملەسلىكىمزىدىن ،ۋاي بۇ پاسكىنىڭ سەتلىگىنى ، نايناق پاسكىنا ، مەينەت بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرمىزغا يەتمەيدۇ دەپ كىتىمىز .
مۇسۇلماننىڭ پەزلىيتى نىمە دەپ سورسا بەس-بەستە قول كۆتۇرۇپ ، ئاللاھنى بىر دپ بىلىش .......باشقىلارغا زىيانكەشىلىك قىلماسلىق.....راسچىل بولۇش ۋە راسىت سۆزلەش يەنى دىمىلىز بىلەن تىلىمىز بىردەك بولۇش دەپ ۋاقىرايمىز يۇ لىكىن دىلىمىزدا شۇ قىز-ئاياللارنىڭ شۇنچە چىرايلىق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ تۇرپمۇ تىلمزىدا يالغان سۆزلەپ شۇ قىز-ئاياللارنى مەينەتكە ،پاسكىنىغا ،جومباققا ....چىقىرۋىتىمىز .
ئۇلارنىڭ نەرى مەينەت ؟ بىرلا يىرى ئىمان ئىيىتمىغان يىرى بار . مۇشۇ تەرەپتىن باشقا جەھەتلەردە بىزلەرگە ئوپمۇ-ئوخشاش . چىرايلىق ،قاملاشقاننى كۆرسەك مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن راسىت سۆزلەپ ھەقىقەن چىرايلىقكەن جۇمۇ ، بۇلارنىڭ رۇخسارىنى مۇشۇنداق چىرايلىق ياراتقان رەببىمىز ئاللاھ شەيئىلەرنى يارتىشتا ھېكىمىتى يەنى قۇدۇرتى ھەقىقەتەن بۈيۈكتۇر يىمەيمىزمۇ .
بۇلارنىڭ سەتلىكىگە قانداق قارشىڭىز بار ؟-دەپ سورسا بىزلەردىن . شۇ چوڭ دەيدىغىنىمىز . بۇلار چوشقا گۆشى يەيدۇ . ھاراقى ئىچىدۇ ، ئەر-ئايال بىرگە بولسا مۇنچىغا چۈشمەيدۇ ....دىگەندەك بىر قانچە چەك باسمايدىغان پىس-پاس پاكىتلەرنى كۆرسىتىشىمىز مۈمكىن.
چوشققا گۆشىنى بىزلەرمۇ ئىشلەپ چىقىرشى بىزلەرگە نامەلۇم بولغان ھەر خىل مۇسلمانچە يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئېستىمال قىلىش ئارقىلىق يەۋاتىمىزغۇ . پەقەت شۇ چىشىمزىغا ئۇرۇنغىدەك لوق-لوق چىشلەپ يىمەي كىچىك باقالىنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالغان شىرنىسى يالىغاندەك يالاپ يىگەن يىرىمىزلا ئوخشىمايدۇ .
بۇ خۇددى بىرسىنىڭ سىزگە ئاداش، بۇ رۇمكىدىكى ھاراقنى ئىچمىسەڭ سەندىن سەتلا رەنجىيمەن جۇمۇ ! كۆڭلۇمن رەت قىلماڭلار ئاداش ؟ دىگەن سۇئالىغا - تۆۋە دەڭلار ئاداش ،ھاراق دىگەن ھارام تۇرسا ، ئەن ئىچمەي دىگەن سۆزىڭىزگە جاۋابەن ، ئاداش ھاراق مەس قىلغانلىقى ئۇچۇن ھارام قىلنىغان ، كىچىكىنە ئازرىقلا ئىچسەڭ ھىچ گەپ يوق دىگىنىدەك ئىشتە بۇ .
ھاراق دىگەنغۇ ھازىر بىزلەرگە ئاممىۋىيلىشىپ كەتتى . بىرسىمز باشلىقنىڭ يۈزى ،بىرسىمىز تىجارەتتىكى ھەمكەرلىقنىڭ يۈزى ،بىرسىمىز ئوغۇل دوستىمزىنىڭ يۈزى ،بىرسىمىز بۇندىن كىيىنىك ئىشلىرىمزدا ئورتاق قول تۇتتۇشتىكى چىن دوسلۇقنىڭ يۈزى ....دىگەندەك سانسىز يۈلەرگە ئارتىپ قويۇپ ئىچىۋىرىمىز . بۇرۇن ھەممە ئىشنى ،ئاپلا شەيتاننىڭ كەيىنىگە كىرىپ .....دەپلا ھەممە قىلغان ئەتكىنىمزنى شەيتانغا ئارتىپ قوياتتۇق . ھازىر كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيسى ئىشىپ كەتكەچ ،شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپتىمەن دىسە مازاق قىلىشى تۇرغانلا بولغاچ ،بۇ خاتالىقىمزىنى ئىلمىلاشتۇرۇپ ھەر كىم ئاڭلسىا ،ھە ئەسلى بۇ ئىلاجسزىلقىتىن قىپتۇ دەپ ، ئەزەلدىن ناچار ھىساپنىدىغان بۇ خاتالىقنى ئىلمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلغۇدەك بىر فورلانى كەشىپ قىلىپ چىقتۇق .
سۇغا چۈشىش مەسىلسىدە ھازىر بۇ << مەينەتلەر >> بىز مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ئارتۇق ، ئوخشىمايدىغان بىرلا يىرى سۇنى تىجەمدىكن تاڭ ، يۈزىنى يۈيۈپ ئىشىپ قالغان سۇدا ، بىشىنى ،بىشىنى يۈيۈپ ئىشىپ قالغان سۇدا پۇتىنى يۈيدۈ ، پۇتىدىن ئىشىپ قالغان سۇ كۆپرەك بولسا دەرھال ئىشتان-پايپاقلىرىنى يۈيدىغان سەلبىي تەرەپتىنلا پەرىق قىلىدۇ .
چوشقا گۆشى يسىە نىمە بولدى ؟ قوي گۆشى يىسە نىمە بولدى ؟ ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا گۆش تۇرسا ؟ !
ياكى ھالال ھىساپلانغان قوي گۆشى يىگەن ئادەمنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولامدۇ ؟
ئادەمنىڭ گۆشى ئادەم ئولۇغ ھىساپلانغانلقتىن ھارام قىلىنغان . بولمسىا ئىدى ئادەم دىگەن دۇنيادىكى يىمەك-ئىچمەكنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى .ئىچىملكىنىڭ ئەڭ نوچىسىنى يەپ-ئىچىپ كىلىۋاتقان جانلىق بولغان ئىكەن ن،جەزمەن دۇنيادىكى گۆشلەرنىڭ ئەڭ تاتلىقغى ،ئەڭ ياخشىسى ئادەم گۆشى بولغان بولاتتى .
شۇ بىرلا پەرقى ئاللاھ چوشقا گۆشىنى ھارام دىدى يىمەيمىز . بولمىسا چوشقا گۆشى ،ئىشەك گۆشى يىگەنگە ئادەم گاچا ياكى ئەقلى تۇتۇلۇپ قالمايدۇ . ئەقلى تۇتۇلۇپ قىلىشقا توغرا كەلسە ئىدى . ئايرۇپىلان ياسىغان ، كومپىيۇتۇر ياسىغان . ئاندىرو قول تىلفۇننى ياسىغان دىنسىزلارنىڭ ئەقلى تۇتۇپ قالغان بولاتتى ،چۈنكى ئۇلار چوشقا گۆشى ،ئىشەك گۆشى .قوي گۆشى . مايمۇن ....گۆشلىرىنى يەيدۇ شورپىسىنى قىنىپ-قىنىپ ئىچىدۇ .
ھارام قىلنىغان جانلىقلارنڭ گۆشلىرىنى مۇسۇلمان يىسە قايسى ئورۇنغا زىيان قىلىدۇ ياكى تەسىر كۆرسىتىدۇ دىسە ، ئىمانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئىماننى سۇسلاشتۇردۇ . دىلنى قاسەۋەتلەشتۇردۇ . روھنى چىرىتىدۇ ...بۇ ئادەت ئۇزۇن مۇددەت داۋام ئىتىۋەرسە ياراتقان ئىلاھقا بولغان سىغىنىش ،ئىشقى-مۇھاببەت بارا-بارا ئاجزلاپ ئاخىردا ئاللاھنى ئۇنتۇشقا قەدەم بىسىپ ،ئۇ ئالەمدە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە دۇچار قىلىدۇ .
راسچىل بولايلى ! ئاچچىق بولسىمۇ ھەقنى سۆزلەيلى . مەسىلىنى ئۆزىمزىنىڭ تار رامكىمىز ئىچىدە مۇلاھىيزە قىلماي . كىشلىك دۇنيا مەيدانىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلايلى ،بۇ ئۇسۇلدا ئۆزىمزنىڭ خاراكتىرمىزنى ئىنسانى ئەخلاق تۈيغۇ سۇپىسىغا بىر دەرىجە يىقىنلاشتۇرغان بولىمىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-14 09:13 AM