xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:28 AM
جۇگۇ بازىرى ئالما شىركىتىنىڭ بازىنى بەكلا قالايمىقان ...
مەن بىر خەۋەر كورۇپ قالدىم .
‹iPhone5 بۈگۈن ئېلان قىلىندى ،جەزىملەشتۇرۇشكە بولىدۇكى ، جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ئالما يەيدىغان تىجارەت سودىگىرى دەل بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى بولۇپ قالىدۇ .
تۇنۇگۇن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتۇرى لى گاڭ كەلگۇسى 3 ئاي ئىچىدە iPhone5 يانفۇنىنى جۇڭگو بازىرىغا ئېلىپ كىردىغانلىقىنى ئېيتقان ، ئۇ مۇنداق دىگەن: ئالما شىېركىتى رەسمى ھالدا يېڭى بىر ئەۋلات يانفۇننى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ جۇڭگو بازىرىغا كىرگىچە توردا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتىشى كېرەك ، 3 ئاي ئەتىراپىدا ئاندىن جۇڭگو بازىرىغا كىرىشى مۇمكىن . ئىگىنلىنىشچە ، ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ سۆھبەت ئەتىرىتى ئامىرىكىغا بېرىپ ئالما شىركىتى بىلەن iPhone5 نى جۇڭگو بازىرىغا ئېلىپ كىرىش ئىشى ئۈستىدە سوھبەت ئېلىپ بېرىپتۇ .
جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى بولسا ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغا تىجارەت سودىگىرى، 3 يىل بۇرۇن ئىككى شىركەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان . ھالبۇكى ئالما شىركىتىنىڭ ھەر بىر يېڭى يانفۇنى ئاز بولمىغان تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ كەسكىن رىقابىتىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . نوۋەتتە جۇڭگونىڭ 3 چوڭ تىجارەت سودىگىرى ئىچىدە پەقەت جوڭگو كوچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىلا تېخىچە ئالمىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىىغان . ئىگىنلىنىشچە ، بۇ يىلنىڭ 7- ئېيىدا WCDMA يانفۇنلىرىنىڭ (جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىدا سېتىلىدىغان ياۋرۇپا 3G ئولچەملىك يانفۇن) سېتىلىش مىقدارى تىزىملىكى ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇردىغىنى ئالمىنىڭ iPhone4S يانفۇنى ئىكەن .