ئىخلاس توغرىسىدا ئىبرەتلىك ھېكايە
بىر ئابىد كىشى بولۇپ ئۇ كىشىگە بىر جايدا بىر كاپىر قەۋىمنىڭ دەرەخكە ئىبادەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يىتىپتۇ، ئابىد كىشى ئۇلارنىڭ دەرەخكە ئىبادەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ دەرەخنى كېسىۋىتىش نىيتىدە پالتىسىنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋاتقىنىدا شەيتان ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ شۇنداق دەپتۇ: ئەگەر ئۇ دەرەخنى كېسىۋەتسەڭ ئۇ قەۋىم باشقا دەرەخكە ئىبادەت قىلىدۇ، كېسىۋەتكىنىڭنىڭ پايدىسى يوق، قايتىپ بېرىپ ئىبادىتىڭنى قىل، ئاۋارە بولما. ئابىد شەيتانغا : ئۇ دەرەخنى كېسىۋەتمەي بولمايدۇ دەپ يولىنى داۋام قىلىپتۇ، شەيتان بىلەن ئابىد ئىككىسى ئۇرۇشۇپتۇ، ئابىد شەيتاننى يېڭىۋاپتۇ، شەيتان ئابىدقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن شۇنداق دەپتۇ :« قايتىپ بېرىپ ئىبادىتىڭنى قىل ھەر كىچىدە ئۇيقۇڭدىن ئويغانغان ۋاقتىڭدا ئىككى تال ئالتۇن بېرىمەن، ياستۇقۇڭنىڭ ئاستىدا كۆرىسەن، شۇ ئالتۇنلارنى خىراجەت قىل، ئەگەر ئاللاھ خالىسا پەيغەمبەر دىن بىرنى ئەۋەتىدۇ، دەرەخنى پەيغەمبەر ئۆزى كېسىدۇ، سەن ئۆزۇڭ دەرەخكە ئىبادەت قىلمىغاندىكىن ساڭا ھېچ زەرەرى بولماس» دەپتۇ، ئابىد ئالتۇننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ماقۇل بولۇپتۇ، نەپسىگە بېرىلگەن ئابىد ئاخىرەتتىن كۆرە دۇنيانى تاللاپ ماڭغان يولىدىن يېنىپتۇ، راستىنلا تاڭ ئاتقاندا قارىسا ياستۇقنىڭ ئاستىدا ئىككى تال ئالتۇن تۇرغۇدەك، ئىككىنچى كۈنىمۇ ھەم ئىككى تال ئالتۇن تۇرغۇدەك تون تال ئالتۇننىڭ خوشاللىقىدە ئۈچۈنچى كۈنى بالدۇرلا ئويغىنىپ قارىسا ئالتۇن يوق تۇرغۇدەك، بىر نەچچە كۈن ساقلىسا يەنىلا ئالتۇن يوق، ئابىدنىڭ ئاچچىقى كېلىپ دەرەخنى كېسىۋىتىش ئۈچۈن يەنە يولغا چىقىپتۇ، شەيتان يولدا ئابىدنى يەنە توسۇپتۇ، ئىككىسى قاتتىق ئېلىشىپتۇ، لېكىن بۇ قېتىم شەيتان غالىپ كېلىپ ئابىدنى يىقىتىپتۇ، ئابىد شەيتانغا : مەن ئالدىنقى قېتىم سىنى يېڭىۋالغانتىم ئەمدى بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن ساڭا يېڭىلدىم، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دەپتۇ، ئىبلىس دەپتۇكى ئەۋۋەل ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپ قىلغان ئىدىڭ، نېيتىڭ خالىس ئىدى شۇڭا ئاللاھ ساڭا مەدەتكار بولغان ۋە ماڭا غالىپ كەلگەن ئىدىڭ، بۇ نەۋبەت غەزىپىڭ ئىككى تال ئالتۇن ئۈچۈن بولدى، نۈسرەت سەندىن كۆتۈرۈلدى، شۇڭا سەن مەغلۇپ بولدۇڭ» دەپتۇ.
دېمەك
نېيەت خالىس بولسا ئاللاھ مەدەتكار، ئۆزىمىز ساۋابكار.
نېيتىمىز دۇرۇس بولمىسا ئەمىلىمىز بىكار، ئۆزىمىز ئازابكار.
http://www.nurana.cn/article/hikaye/2012-05-12/660.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-14 02:58 PM