يۈرىكمنى قۇمغا كۈمۈپ قويدۇم
ياسىن ئەبەيدۇللا
مەن دىڭىزغا قاراپ ماڭدىم، مېڭىشتىن ئاۋۋال يۈرىكىمنى قۇمغا كۈمۈۋەتتىم، ئەمدى يۈرەك ئۇغرىسى مەندىن يۈرەك سورىسا ئۇنىڭغا يىراقتىكى قۇمغا كۈمۈپ قويغىنىمنى ئېيتىمەن.
-سەن ماڭا مايمۇن كاردان بىلەن تاشپاقىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمۇ؟
- ئۇ قانداق ھىكايە؟- ئەجەپىلنىپ سورىدىم.
- ئۇ ھىكايە مۇنداق:مايمۇن كاردان بىر كۈنى دەريا بۇيىدىكى دەرەختە ئارام ئىلىپ ئولتۇرسا ، بىر تاشپاقا كىلىپ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن مېۋىلەرنى يىگىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۇپ مايمۇن ئۇنى جىقراق يەۋالسۇن دەپ دەرەختىن ئۈزۈپ تاشلاپ بېرىپتۇ. تاشپاقىمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن تاشپاقا پات -پات كىلىپ بۇ يەردە مېۋە يەيدىغان بۇلۇپ قاپتۇ. مايمۇنمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ دەرەختىن مېۋە تاشلاپ بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇلار دۇسىت بۇلۇپ قاپتۇ. بارا- بارا بۇلارنىڭ دۇستلۇقى شۇ دەرىجىگە بېرىپتۇكى، بىر- بىرىنى دائىم كۆرۇپ تۇرمىسا چىداشمايدىكەن. تاشپاقىنىڭ مايمۇننىڭ يېنىدا تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ ئۇزىراپ كىتىپتۇ، بەزى چاغلاردا ھاتتا ئايلاپ ئۆيىگە قايىتمايدىكەن.
بىر كۈنى تاشپاقا ئەمدى مايمۇننىڭ يېنىغا ماڭاي دەپ تۇرسا ئايالى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- ھەي تاشپاقا نەگە ماڭدىڭ؟ مۇشۇ كۈنلەردە دائىم سىرتقا قاترايدىغان ، ئۇزاق يۇقاپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدىڭ.- دەپتۇ.
تاشپاقا بۇنىڭغا جاۋابەن مايمۇن بىلەن دۇسىت ئىكەنلىكنى شۇنىڭ قىشىغا كىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كىتىپتۇ. تاشپاقىنىڭ ئايالى بۇنى ئاڭلاپ مايمۇنغا رەشىك قىپتۇ. گويا مايمۇن ئۇنىڭدىن ئېرىنى تارتىۋالدىغاندە بىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلىگە بىر ھىيلە پۈكۈپتۇ. تاشپاقا قايتىپ كىلىپ قارىسا، ئايالى ئاغرىق ئازابىدا تولغىنىپ ياتقان ئىكەن.
-نىمە بولدۇڭ، نىمە كىسەل سىنى بۇنچە قىينىدى. مەن دورىسىنى تاپاي -دەپتۇ ئۇ ئايالىغا.
-ماڭا قاتتىق كىسەل تەگدى. تىۋىپ مايمۇن يۈرىكى دورا دەيدۇ. باشقا نەرسە شىپا قىلماسمىش، ئۆلىدىغان ئۇخشايمەن- دەپتۇ ئايالى.
نادان تاشپاقا بۇنى ئاڭلاپ دەرھال دۇستى كارداننى يادىغا ئاپتۇ ، ئايالىمۇ بىكار ئولتۇرماي ئۇنى كارداننىڭ يۈرىكىنى ئەكىلشكە كۈشكۈرتۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ تاشپاقا مايمۇننىڭ يۈرىكىنى ئالماقچى بۇلۇپ مىڭىپتۇ. ھىلقى دەرەخ بۇيىغا كىلىپ مايمۇننى چاقىرىپتۇ. مايمۇن ئۇنى يەنە قىزغىن قارىشى ئاپتۇ.
- ۋاي ئاداش، بىز دۇسىت بولغىلى ئۇزۇن بولدى ئۆيگىمۇ بېرىپ باقمىدىڭ. مەن سىنى مېھمان بۇلۇشقا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم -دەپتۇ تاشپاقا.ۋە يەنە بىر مۇنچە شېرىن گەپلەرنىمۇ قىپتۇ. مايمۇن بۇنى ئاڭلاپ تاشپاقىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ماقۇل بۇلۇپ تاشپاقىغا مىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشپاقىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مىڭىپتۇ. دەريانىڭ ئۇتتۇرسىغا كەلگەندە مايمۇن قارىسا تاشپاقىنىڭ ئەپتى باشقىچە، كۆڭلى بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشپاقىغا:
- ئاداش كۆڭلۈڭدە ماڭا دەيدىغان گىپىڭ باردەك قىلىدۇ دىگىن، بىز دىگەن ئەل -ئاغىنە، دىيىشمەيدىغان نىمە گىپىمىز بولسۇن ؟ - دەپتۇ.
نادان تاشپاقا ئۆزىنىڭ مايمۇننىڭ يۈرىكىنى ئالماقچى بۇلۇپ كەلگىننى ئېيتىپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ مايمۇن قورقۇپ كىتىپتۇ. قاچاي دىسىمۇ قاچالمايدىكەن، چۈنكى مايمۇن سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال بىر ئەقىل تىپىپتۇ.
- چاتاق بۇپتۇ ئاداش بالدۇرراق دىگەن بولساڭ يۈرىكىمنى ئىلۋالاركەنمەن. بىز مايمۇنلار ئادەتتە سەپەرگە چىقساق يۈرەكنى ئۆيگە تاشلاپ قۇياتتۇق. مەنمۇ يۈرىكىمنى تاشلاپ قويغانىدىم. ئەمدى كەينىمىزگە قايىتساق بۇلىدىغان بولدى. دەپتۇ مايمۇن.
تاشپاقا بۇ گەپكە ئىشىنىپ كەينىگە قايتىپتۇ. قىرغاققا يىقىنلاشقاندا مايمۇن بىر سەكرەپ دەرەخكە چىقىۋاپتۇ ۋە چۈشمەي تۇرىۋاپتۇ. تاشپاقا ساقلاپ -ساقلاپ بىر چاغدا تاقىتى تۈگەپ:
- مايمۇن ئاغىنە، يۈرىكىڭنى تاپتىڭمۇ، تاپقان بولساڭ ماڭايلى -دەپتۇ.
-ھەي ئەخمەق. سەن دۇسىتلۇقىمىزنى ۋەيران قىلدىڭ. جىنىمنى ئالاي دىسەڭ، مەن يەنە ئالدىڭغا چۈشەتتىممۇ . خۇش، ئەمدى بىز ئەبەدى دۇسىت ئەمەس،- دەپتۇ.
كۆڭۈل ئۇغرىسىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم ۋە مۇنداق دىدىم:
-سەن بۇرۇنقى زاماندىكى ئەزىمەتلەرنىڭ دۇشمەن قىلىچ- شەمشەرلىرىدە ئۆلمەيدىغانلىقىنى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ تىنىدە ئەمەس، باشقا بىر جايلاردا ئىكەنلىكنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ مەن ساڭا لەيلى –مەجنۇننىڭ، پەرھات- شېرىننىڭ ۋە يەنە غېرىپ –سەنەمنىڭ ھىكايىلىرىنى سۆزلەيمەن.
- يۈرىكىڭ قۇمدا چىرىپ كەتمەسمۇ؟
-سەن قۇمغا كۈمۈلگەن قەدىمقى شەھەرلەرنى كۆرگەنمۇ؟ پاكىز قۇمدا چىرىمەي ساقلانغان نۇرغۇن- نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىمغانمۇ؟ بۇلارنى بىلگىنىڭدە مىنىڭدىن بۇنداق سۇئالنى سورىمغان بۇلاتتىڭ. قۇم ھەقىقەتتە سۇدىنمۇ پاكىز. - مەن كۆڭۈل ئوغرىسىنىڭ سۇئالىغا مۇشۇنداق جاۋاپ بېرىمەن.