‹‹لېيفىڭنىڭ كۇسىرىنى كەيگەن›› ياكى ‹‹لېيفىڭنىڭ كۇسىرىنى كىيىدىغان›› دىگەنلىك، ئەمىليەتتە مەسخىرە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئەسلى تولۇقى ‹‹لېيفىڭنىڭ پاختىلىق كۇسىرىنى كەيگەن›› ۋە ياكى ‹‹لېيفىڭنىڭ پاختىلىق كۇسىرىنى كىيىدىغان›› دىن ئىبارەت.
لېكىن، يۇقۇرىقىغا ئوخشاش، يەنى، چوڭلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشتەك ھەقىقى ئىنسانى قىلمىشلار، ماختىلىدۇكى ھەرگىز مەسىخىرە قىلىنمايدۇ ،شۇنداقلا ماختىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ مەسخىرە قىلىنماسلىقى كېرەك!!!
يۇقارقى گەپنى قىلغان خوتۇنلار، ئۆزىنى ھۆرمەت قىلغاننى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە تازىمۇ تەربىيە كۆرمىگەن، ھەتتا ‹‹لېيفىڭنىڭ پاختىلىق كۇسىرىنى كەيگەن›› دىگەن سۆزنىڭ قانداق يەرلەرگە ئىلىتىلىدىغىنىنىمۇ بىلمەيدىغان، مانتا خەي كىيىپ چوڭ بولغان خوتۇنلار بولسا كېرەك....
كىچىكلەر چوڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەندە، چوقۇم ‹‹ رەھمەت، بالام (ئۇكام) ››، ‹‹ ئاللاھ ئەجرىڭنى بەرسۇن بالام (ئۇكام)››، ‹‹ خۇدايىم بەختىڭنى بېرە، بالام (ئۇكام) ›› دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ۋە ياكى ھېچ بولمىسا ‹‹ بېشىنى سىلاپ قويۇش ›› ،‹‹ كۈلۈمسىرەش ›› دىگەندەك ھەرىكەتلەر بىلەن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىمىزنى ، سۆيۈنگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەپ قويۇشىمىز كېرەك. بۇ، بىر تەربىيە كۆرگەن ئادەم ئۈچۈن ئەقەللى ئىش. بۇ قىلغانلىرىمىز قارىماققا تولىمۇ ئاددى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا ۋە ياكى ياشلارغا نىسبەتەن ئىلھاملداندۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، مۇشۇنداق ياخشى پەزىلەتنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىغا، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، مۇشۇ خىل ياخشى ئەخلاقنىڭ جەمىيەتتە ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
قىسقىسى، بالىلارنىڭ ھەر بىر ياخشى ئىش ھەرىكىتى، مەيلى ئۇ چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ئۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش، لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭمۇ جەمىيەتتە بەلگىلىك قىممىتى ۋە رولى بارلىقىنى ھېس قىدۇرۇش كېرەك. ھەرگىزمۇ پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلماسلىق ياكى ئاغزىمىزغا كەلگىنىچە بىر نىمىلەرنى ئويلانمايلا دەۋەرمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە جەمىيەتنىڭ تەسىرى ۋە ئوينايدىغان رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tohtanghenim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 01:16 PM