DAWRAN0991 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 11:35 AM
قىرىنداشلىق،ئىتتىپاقلىق مۇشۇنداق بولىدۇ،بۇ قىرىندىش ...
ئاللاھ شۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن .
ئەمدى سىزنىڭ تەكلىۋىڭىزگە كەلسەك ئاداش ، تەكلىپىڭىزغۇ تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ ئاداش . بىراق بۇ پىلان بىلىمسىز ئىشچى-دىھقانلار ئىچىدە ئاقمايدۇ . بۇلارنىڭ شۇ يۇسۇندا قىقىلىپ-سوقۇلۇپ يولىنى تاپقىنى ياخشى ۋە بۇ ئۇسۇل شۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تولىمۇ مۇكەممەل ئىچشەنچىك ھىساپلىنىدۇ .
يۇقارقىدەك دىسەم بەلىكم سىزنىڭ ۋە سانسىز شۇ جاپاكەش كىشىللىرىمزىنىڭ كۆڭلىگە كىلىدۇ ۋە مىنى تالايدۇ . بىراق ئەمىلىيەت دىگەن ئەمىلىيەت .
مانا مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن بىرى ھاياتىمنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇقراقىنى مۇساپىرلىق بىلەن ئۆتكۈزۇپ كەلدىم ۋە مانا ھازىرمۇ بۇ يولنى داۋام ئىتىپ كىلىۋاتىمەن . ئاپتۇمبۇسلىق سەپەرلەردە ، پويىزلىق سەپەرلەردە ، ئاۋئاتسىيە سەپەرلىرىدە ھەر كەسىپ ھەر ساھەدىكى سانسىز كىشىلەر بىلەن بولغان سەپەرلەردە ھەر خىل پاراڭ تىمىسىدا بولۇپ قالىمەن . مەن جۇڭگۇ ئىچىدە ئانا دىيارىمنىڭ خوتەندىن بادشقا رايۇنلىرىغا ئالدى تۆت-بەش كىينى ھىچ بولمىغاندا ئىككى قىتىم قەدەم قويدۇم .ھەر قىتىم بىر رايۇنغا چۈشسسەم شۇ رايۇننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدن تارتىپ رەستە-كوچىلارغىچە زىيارەت قىلىپ شۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا چۆكۈپ شۇلارنىڭ ئىچكى-تاشقى دۇنياسىغا ئائىيىت سىرلىرىنى چۈشنىشكە ھەركەت قىلىپ بۇ ئارقىلىق بۇ پانى ئالەمنى تەشكل قىلدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ مىجەز-خاراكتىرى تىپىك ئالاھىيدىلىگى قاتارلىق مىجەز-خۇلىقى ئۈستىدە يەكۈن چىقرىش ئارقىلىق ئۆزۇمنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ ئىچكى قىزلمىللىرىدىن كەڭ دائىردە پايدىلىنغشقا ئاساس سالىمەن .
شۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇللىرىنىڭ يۈزى تۆۋەن ، بىلىم ساپاسى ياخشى ،ئىستلى گۈزەل كىشلىك قارىشى يۇقىر ئەخلاققا ئىگە كىشلەر بولسىمۇ ،بىراق كۆپ سانلىقلىرىنىڭ بىلىمى تولىمۇ تېز جەمىيەتكە بولغان تونۇشى چوڭقۇر ۋە كۆپ ئىش كۆرگەندەك بىلىنسىمۇ ماھىيەتتە ئىلمىيلىققا ئىگە ئەمەس بولغانلىقتىن ،سىز ئىيىتقانداق باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىراپ كىرىپ كەتمەيدۇ .بۇلار ئەنئەنۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى بويۇنچە ئىش كۆرۇشكە كۆنۇپ كەتكەن ،شۇڭلاشقا بۇلارنى سىز دىگەن پىلانغا يىتەكلەش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر جەريان كىرەك .
مەن چىقارغان يەكۇن شۇ بولدىكى دۇنيادا بىلىمسىز ۋە نادان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كۈنگە ئۇللاشتۇرمەن دەپ ئۇلارنى زىچ ئىتىپاقلاشتۇرۇپ بىر نىيەتتە ھەمكارلاشتۇرۇپ بىر ئىش قىلماق بەس مۈشكۈل ئىشكەن .
بۇلارنىڭ خاراكتىرى شۇكى . بۇلارنىڭ ئىش بىشى بولغان بۇلارنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىش بلىەن بىرگە چىرايلىقراق كىيىنىپ پاكزراق يۇرۇپ قالدىمۇ بولدى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ سۈپەت جىنايەت سانىلىدۇ .
..........ئىش بىشى ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان مەلۇم نىسپەتتىكى ھەق . ئۇلارنىڭ ئىلىىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش ھەققىدىن يۇقۇرى بولۇپ قالسا جىنايەت سانىلىدۇ .
......... بىر يىلنىسى پۇلۇمنى قۈيىۋەتكەن بىر قۇيمىكەشنى ئىزدەپ ئاقسۇنىڭ ئاۋات دەپ ئاتىلدىغان ناھىيە بازىرىغا بىرىپ قالدىم ،بۇ ۋاقىت دەپ مۇشۇ ئايغا ئوخشاش كىپەز تىرىش مەزگىلى ئىكەندۇق ،ئەتتىگىنى ناشتا قىلاي دەپ ئاشخانا ئىزدەپ مىڭىۋىتىپ ئش ئىزدىگۈچىلەر بازىرىغا بىرىپ قاپتىمەن . بىر كۆۋرۇك بىشىكەن بۇ ئورۇندا كۆرگەن ئىشلار مىنى بىر قىسما قىلىپ قويدى .
قايسى ئىش دىسىڭىز . ئاۋاتنىڭ ھەر قايسى تەۋەلىكدىن كىپەزلىرىنى تەرگۈزۈشكە ئادەم ياللاش ئۈچۈن يەر خوجايىنلىرى بۇ ناھىيە بازىرىدىكى مۇشۇ كۆۋرۇك بىشىغا كىلىپ ئادەم ياللايدىكەن . قانداق بىر يەر خوجايىنى كىلىپ بولغۇچە ئەتراپىغا گۈررىدە ئادەم توپلىشىپ يەرخوجايىنلىرىغا تۈرلۇك-تۈمەن تەكلىپنى قويدىكەن ،تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ پاراڭلىرى .
.......ئاكاۋوي ! يەرلىرى بەك جاڭگالدا ئەمەستۇ ؟
-...................................
.......ئاكا تاماق ناچار ئەمەستۇ .
...........
..........ئاكا كۈندە بىرە-ئىككى ۋاق قوغۇن-تاۋۇز ئەكىلىپ بىرەملا يا ؟
-........
........ ھەپتىدە بىرە-ئىككى قىتىم بازارغا ئەكىلىپ ئوينىتىپ كىلەملا يا ؟
-........
......... ئايدا بىرەر قىتىم قوي سويۇپ بىرملا يا ؟
بولدى قالدىسىنى يازماي .
ماۋۇسى مەلۇم بىر بازاردىكى قۇرلۇش خوجاينىغا قويغان تەلىپى توغۇرسىدا پاراڭ .
......ئۆزڭ دىدىڭ جۇمۇ لوبەن ئاداش . بىر كۈندە 10 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىمەيمىز . 10 مىنۇت ئىشىپ كەتسە ئەۋلىيانىڭ ئىشى بولسىمۇ تاشلاپ كىتىۋىرىمىز .
-.................
...... تاماققا ئەتىگەندە گۆشلۈك سەي بىلەن نان بىز سەندەك كۈندە پاختىلىشىپ قالغان مومىنى يىيەلمەيمىز . چۈشتە لەڭمەن ياكى پولۇ سەنمۇ بلىسەن بىز ئۇيغور خەقنى ھەر كۈنى پولۇ بىلەن لەڭمەن بلىەن ئۆرەر تۇرىمىز .سەنلەردەك تەييار ئۇن چوپى يىسەك تۆت كۈندە خوتۇن يوقاندىن ھەيدەيدۇ . كەچتە بولسا شورپا ياكى ئۈگىرە يىيشىمىزگە كاپالەتلىك قىلسىەن .
-...............
........ئىش ھەققىمىزگە كەلسەك . ھەر ئاينىڭ 29 -كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشىمىز شۇ ئايلىق ھەققىمىزنى تولۇق بىرىسەن ، ئەتىگە قالسا بىزنى ئەتىسى ئىشقا ئىلىپ چىقىمەن دەپ ئۆزۇڭنى ئاۋارە قىلما . قۇرلۇش ئاخىرلاشقاندا بىرىمەن دەپ ئاغزىمزىغا كەمپۇت سالما بىز سىنىڭ قازىنىڭدا قاينايدىغان ئەخمەقلەردىن ئەمەس .بىز ئۇيغۇر خەقنى بىلسەنغۇ جىدەل دىسە بۇرتىمىز مىت قىلىپ قويمايدىغانلىقىمىزنى .
..........بالىلار بۇ ياخشى ئىشكەن بىرسىمىز بۇ ئىشقا باش بولايلى قالغانلار، شۇ ئىش بىشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويۈنچە ئىشلەپ ياخشى تەسىر قالدرۇساق .چوقۇم يەنە ئىش بولسا بىزنى ئىزدەيدۇ دىگەن گەپ ،قانداق مۇشۇنداق قىلامدۇق ؟
- ياق ئىدىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىش ! نەچچە ۋاقىتتىن بىرىمۇ ئۆزىمىزگە بىرەر ئىش بىشىنى سايلىمايمۇ ،ئۆزىمىز ئىش تىپىپ ئۆزىمىزگە-ئۆزىمىزگە ئىش بىشى بولۇپ جىنىمىزنى جان ئىتىۋاتقان . قاراپ تۇرۇپ بىر ئادەمنى ئۆزىمىزگە ئىش بىشى قىلىپ . ئۇ ئادەمگە بىزلەرنى ئانى قىلىڭلار مانى قىلىڭلار ،لوبەن مۇنداق دەيدۇ دەپ بەرگەنگە قاراپ تۇرپ بىر كىشلىك ھەق بىرىمىزمۇ . ھازىر 20 كۆي پۇلغىچۇ كەچلىك بازاردا ئىككى قاچا تاماق كىلىدۇ .....ئانام مىنى زىجى توغۇپتىكەن ئاداش . پۇلنىمۇ زىجىىىىىىىىىىىى تاپاي ئىدىىىىىىىىىىىش !
..............يۇقارقىدەك پاراڭ توغۇرسىدا سۆز ئىچىپ كەلسەم سۆز تولا ئاداش ، بىزدە مۇنداق بىر ھېكمەت بار ساراڭنى بازار ئوشايدۇ دەيدىغان . تۇرمۇش رەھىمسىز ئاداش . ئۇلارنى جەمىيئەت ئوڭشايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 06:13 PM