بىز ئۇيغۇر
(ئۇچقۇنى)
يۈرەك قان يىلتىز غولىمىز بىر،
قىشۇ-ياز قىسمەت يولىمىز بىر.
باي-نامرات ئۇز-سەت بولغىن نەلىك،
بىز ئۇيغۇر رىشتە قولىمىز بىر.
تەڭرىتاغ تارىم تەكلىماكان،
ئۇزاق ئۆتمۈش تەگ ئۇلىمىز بىر.
توي-نەزىرمۇقام خاس بىزگىلا،
شاھى تون دوپپا گۈلىمىز بىر.
خاڭ تۇنۇر كارىز قەدىم مىڭ ئۆي،
جۇت باھاربوستان چۆلىمىزبىر .
يۇرۇڭقاش بوغدا ئىلى سايرام،
يىراق-يېقىن ئوڭ- سولىمىز بىر.
بوغداي ئۆڭ قاڭشار،قۇڭۈر چاچلىق،
قاراقاش مۆرە -دۇلىمىز بىر.
،ھالال مىھنەت ساپ نىيەت ئىقبال،
ئەل- يۇرت ۋەتەن جان كۆڭلىمىز بىر.
قۇياشلىق تاڭ قارا تۈن ئاخشام،
قۇم-بۇران قۇرغاق ھۆلىمىز بىر.
نەگىلا بار قايغۇ غەم شادلىق،
شان-شەرەپ ئاردا بولىمىز بىر.
ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012.9.14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 10:55 PM