مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

(ئۆزھال)ئابدرۇرىھىم ھىيىت روھىنى بويلاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8644
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 09:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghurluk يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 02:45 PM
ئابدۇرېھىم ھېيىت روھى ئۇيغۇر روھيتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ...

ئابدۇرېھىم ھېيىت ئەپەندى روھى ئۇيغۇر روھىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بەلكى، ئابدۇرېھىم ھېيىت روھى ھەقىقىي ئۇيغۇر روھىنىڭ بىر قىسمى ياكى بۇ مۇبارەك زات ئۇيغۇې روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
مەنمۇ بەك قايىل بۇ كىشىگە. ناخشىلىرىنى بەك ئاڭلايمەن.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 398
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 03:09:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسالام ئەلەيكۇم راخمانجان ،
ئابدۇرېھىم ھاجىم توغرىسىدىكى بۇ تىمىڭىزنى كۈرۈپ ئىنتايىن سۈيۈندۈم ، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىقان ،بۇ ئۇستانىڭ  ئۇرۇنداشتىكى ماھارىتى پۇراق  ،خاسلىغى ، ئىجادىيىەتتىكى ئۆزگىچىلىگى مەردانە ئۇيغۇرچە سالاپىتىنى  كىشلەر ئېغىزدىنمۇ  چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالماي بۇرۇختۇم بۇلۇپ كەتكەن يۈرەك سۆزلىرىنى  مەردانىلىك بىلەن سەنئەتتە جەۋلان قىلىشىنى ،دۇنيا قارىشىنى    2.بىر كىشىگە سېلىشتۇرغىلى ئەمەس يېقىنلاشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ ،
بۇ ئۇستازنىڭ دۇتتارنى  30يىل قېتىرقىنىپ ئۈگەنسە يا دۇتتاچى بۇلۇدۇ يا بولمايدۇ  ، ماڭا 40يىل بولدى دىگەن سۈزى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە    ، ئاللاھ يەنە كۈرۈشۈشكە نىسىپ قىلار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimlih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 03:10 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82915
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەزىرىمدىكى   ھەقىقى  سەنئەتكار............ناخىشىلىرىنى  خېلى  جىق  توپلاپ  قويدۇم  ،دائىم ئاڭلاپ  سەزگۈلىرىمنى  بىلەپ  تۇرىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11304
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:04:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى . ئۇيغۇرنىڭ ئالىملىرى . بىلىملىك زىيالىيلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ زىمىندا ياشاش ئۇنىڭغا بەخىتتەك تۇيۇلغاندى . لىكىن ئۇ جەمىيەتنى چۇڭقۇر كۈزىتىش ئارقىلىق ئۈزى چوڭ بىلىپ قايتىپ كەلگەن جەمىيەتنىڭ تولىمۇ چۈشكۇن . بەزىلەر پۇل ۋە شان شەرەپنى دەپ ئۈزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇغان ھالدا دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەئىشەتلىرى ئۈچۈن قاتراپ ھاياتىنى ئۆتكۇزسە بەزىلەرنىڭ ئەمەل ئورۇندۇقلىرىنى تالىشىش ھاياتنىڭ قىممىتى دەپ قارايدىغانلىغىنى ھىس قىلدى . ئۇ ئۇيغۇرلار شۈنچىلىك كۆپ ئولتۇراقلاشقان بۇ ماكاندا سەمىمىيەت بىلەن كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ئازلىغىنى كۆرۈپ يەتتى . لىكىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپ ئەمدىلا يورۇقلۇققا چىققىنىغا يىرىم ئەسىر بولمىغان جەميەتنىڭ مانا مۇشۇنداق چۇۋالچاق بۇلىدىغانلىغىنى ئۇ پەرەز قىلالايتتى . شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر جەميىتىنى ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ دەپ كەمسىتىمدى . چۈنكى باشقا مەمىلكەتلەرگە بىرىپ باشقىالرنىڭ ئەرىپ ئادىتى . مەدەنىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۇرگەن ۋاختىدا ئۈزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئاندىن ئۇيغۇر پەرزەنتى بۇلۇپ تۈرىلىپ قالغانلىغىنى ئۈچۈن ياراتقان ئىگەمگە مىڭلاپ ھەمدۇ سانا ئىيتقاندى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىگى پاكىز . دۇنياغا ئەدەپ ئەخلاق ئۈگىتىش ۋە ھاكىمىيەت تىكلەش ئىشلىرىدا ئىنسانىيەتكە ئۆلگە بۇلۇپ كەلگەن بىر مىللەت بۇلۇپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايتتى . شۇڭا ئۇ جەڭگىۋار ئىدى . ئۇيغۇر دەپلا ئىغىزى ئېچىلىپ بولغىچە مىللەتنى ئەيپلەيدىغانلار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئۈزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادە قىلىپ تۇراتتى . بىراق گەپ قىلمايدىغان ۋە پىكىر قىلمايدىغان كىم بار ؟ ئىش قىلىش كىرەك . ئەمگەك قىلىش كىرەك .ئەمگەك قىلىپ گەپ قىلىۋاتقانلار بىلەن تولا كىرىشىۋالماسلىق كىرەك دىگەن تۇيغۇ ئۇنى ئۆز كەسپىگە ئۈندەيتتى . شۇڭا ئۇ ئۆتكۇنچى جەريانلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كەتمىدى . كۆز ئالدىدا يۈز بىرىۋاتقان ھەر بىر ئىش ئۇنىڭغا دەرىسلىك ئىدى . ئۇ يەنە سەنئەتكارلارغا كۆز تىكتى . تەڭدىن تولسىى كەيچىلىپككە بىرىلگەندى . ئەمەلدارلارنىڭ . بايلارنىڭ سورۇنلىرىدا كۈڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇق بۇلۇپ قالغان سەنئەت پىشۋالىرىغا نەزەر سالدى . ئۇلارنىڭ كەيىپتىن باش كۈتۈرەلمەي يەنە پىشۋا ئاتىلىپ كەسپىدە نەتىجە قازىنىپ كىلىۋاتقانلىغىنى ھەيرەتتە قويدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە سەنئەت ۋە ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ ئاناتومىيىلىك بەدەن قۇرۇلمىسىدىن چىققان سادالارنىڭ ئۈزى كەيىپ ئىدى . ھەقىقى كەسىپىكە بىرىلگەن سەنئەتكارغا باشقىچە كەيىپ . ھاراق . نەشە . خىرويىن ۋە باشقىلار ئارتۇقچە ئىدى . چۈنكى دۇنيا تۈرلۈك تۈمەن لەززەت بىلەن تولغاندى . ئاچ قورساققا ئوخىشغان تاماقنى مەززە قىلىپ يىيىش كەيىپ ئىدى . ئۇسسىغاندا سۇنى ئۇچۇملاپ ئېچىش كەيپنىڭ ئەڭ زورى ئىدى . تەرلىگەندە بەدەننى سۆيگەن سەلكىن شامالغا ئۈزىنى پىدا قىلىش كەيىپ ئىدى . ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلگەندە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنى سورۇنلارغا تەكلىپ قىلدى . بىراق ھەممىسى چىرايلىقچە رەت قىلىندى . ئەگەر تىز تاماقخانىلارنىڭ ئايرىم ئۆيلىردە ياكى ئۇىنڭ ئۈيىدە ساز چىلىش . تۇز تاماق يىيىش ۋە سۆھبەتلەردە بۇلۇش مۈمكىن ئىدى بىراق . باشقىالرنىڭ دەسمايىسىغا ئايلىنپ قىلىدىغان . ئۆز ئارا خوشامەت قىلىشىدىغان . سورۇن ئارقىلىق ئىش ھەل قىلىدىغان مەخسەتلىك سورۇنلاردا ئابدۇرۇىھىم ھىىيتىنىڭ ئاۋازىنى تاكى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باققانلار يوق دەپ كېسىپ ئىيتىشقا بۇلىدۇ . بىراق ھاراق ئىچكەن سورۇندا باشقىلارنىڭ نەزىرىگە چۇشۇشۇشنى تاما قىلىپ ساز چىلىش بۇ سەنئەتكار ئۈزىنى ئۈزى دەپسەندە قىلغان بىلەن باراۋەر ئىدى . شۇڭا ئۇ ھەر قانداق چىرايلىق تەكلىپ قىلىشلارنى رەت قىلدى . پەقەت ۋە پەقەت ئۈزىگە چۈكۈش، ئۈزىگە بىكىنىش ئارقىلىق ئاللا بەرگەن تالانىتنى توغرا يولدا ئىشلىتىش ئۇنىڭ بىردىن بىر نىشانى ئىدى . شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىگە كىلىپ چالغۇچىلارنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر خەلىقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سەۋىيىسىدىن گۇمان قىلدى . ئارلىقتا بىرنەچچە ناخشىسىنى رەپتىىس قىلغان بولسىمۇ لىكىن بىر ئۆمەكتىن بىر نەچچە ئادەملەرلار ئۇنىڭ ھۈددىسدىن چىقتى قالغانلىرى ئاساسەن ۋەزىپە ۋە مائاس ئىلىش ئۈچۈنلا ئىدارىغا كىلەتتى ۋە رەپتىىس قىلاتتى . باشقا چاغلاردا بەزىلىرى سودا قىلاتتى . بەزىلىرى تويلارغا باراتتى . ھەممە ئۈزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئەمما سەنئەتنى ھەقىقى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ بىر پەللىسىگە چىقىشىنى ئويلىمايتتى . ئەمەلىيەتتە ئۈزىگە نان بەرگەن كەسىپكە ئەڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا ئۇنىڭ شەرىپىمۇ . مىۋىسىمۇ ئەجىرگە لايىق بۇلاتتى . لىكىن مۇشۇنچىلىك ئەقەللى ساۋاتتىنمۇ خەۋىرى يوق ساپاسىىز ئادەملەر توپى ئۇنى تىخىمۇ يالغۇز قالدۇردى . شۇڭا ئۇ پەقەت خىزمەت ۋاختىدا ئۇلار بىلەن نۇرمال سالام سائەتتە بولغاندىن باشقا يەنىلا يالغۇز ھالەتتە تەتقىقات ۋە ئەمەلى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى . ئۇ شۇ يىللاردا ئۈزىنىڭ ئىقادى مىۋلىىرى توپلىمى بولغان « ۋىجدان سورىقىغا جاۋاپ» نامدىىكى پىلاستىنكسىىنى ئىشلەپ تارقاتتى . پىلاستىنكا ھەر قىتىم بەش مىڭ تالدىن كۈپەيتىلىپ ئومۇمى سانى 50 مىڭ تالدىن ئېشىپ كەتتى . ئۇنىڭدىكى ئېشىق پۇل مال ياكى بايلىق شان شەرەپكە باغلانغان ئېشىق ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ تاللىغان تىمىلىرى ئاساسەن  باشقىلار قورقدىىغان تىمىلار بۇلۇپ ئانا تىلنىڭ زۇرۇرلىگىنى كۆزدە تۇتقان ھامان ئانا تىل ھەققىدە ئېسىل شېئىرلارنى تىپىپ ئوقۇدى . مىللىتىمىزنىڭ شانلىق تارىخنى ئەسلتىىش ئارقىلىق چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەن كەڭ جەمىيەت ئەھلىنى ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا ئۈندەيدىغان ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلارنى ئاھاڭغا سىلىش بىلەن كۈنلىرىنى ئاۋات قىلدى . ئۇنىڭ ھاياتى ئىجادىيلىق ئىچىدە ئۆتكەچكە ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلار ھەققىدىكى قەسەم قىلىشلار بىلەن تولغان سورۇنلاردا ئۇ يوق ئىدى . ھەشەمەتلىك سارايلاردا بايلارنىڭ خەجلەپ بەرگەن پۇلىدىن پەخىرلىنىپ ياخشى بىر ۋاخ تاماق يىگەنلىگىدىن پەخىرلىنىش ئىچىدە پارقىراپ يۇرىدىغانلار ئارسىدا ئۇنىڭ سايىسى يوق ئىدى . كىملەرنىدۇ تىللاپ . غاجاپ غەيۋىتىنى قىلىدىغان يەردە ئۇ يوق ئىدى . ساختا ھەشەمەت بىلەن يالغان كۈلكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇ يوق ئىدى . سەنئەتنىڭ كۈكىنى سېتىپ قورسىغىنى باقىدىغانلار ئارىسىدا ئۇ يوق ئىدى . خەلىقنى ئالداپ باشقىلارنىڭ ئىجاد مىۋىلىرى ئارقىلىق نەچچە يۈز سوملاپ بىلەت سىتىپ ھەيۋەتلىك ئىلانلارنى بىرىپ خەلىقنىڭ چۈنتىكىنى قۇرۇغداش ئارقىلىق ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بۇلۇشنى كۆزلىگەن تالانىتلىق ئەمما نىيىتى قارا سەنئەت ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىسمى يوق ئىدى . ئۆزىنىڭ ھەيۋىتىنى چىرايلىق ماشىنا ۋە بەھەيۋەت ئۆيلەرنى بىزەش ئارقىلىق راھەتتە كىرىلىپ ئاۋازنى ناخشىغا كاللىنى خەلىقنى ئالداشقا قاراتقان يالتىراق چولپانلار ئارىسىدا ئۇىنڭ ئىسمى يوق ئىدى . ئۇ تاشۋايدىن بىر ئەسىر كىين ياشىغان بولسىمۇ لىكىن قورساق بىېقىشىنى ئەڭ ئالى شان شەرەپ دەپ قارىمىدى . نەدە ئاشخانا ئېچىلسا شۇ يەردە پەيدا بۇلۇپ لىنتا كىسىش پائالىيەتلرىىگە قاتناشمىدى . ئۇ پائالىيەتچان بۇلالمىدى . چۈنكى ئۇ ئۈزىنىڭ ئىجادى ھاياتىنى گۈللەندۇرۇپ بىر پەللىنى يارتىىش ئۈچۈن داۋاملىق تەپەككۈر قىلىشقا مۇھتاج ئىدى . قاچانلا قارىسا يالغۇزلۇقتىن قورقۇپ بىر توپ ئادەم بىلەن غەلۋە غەۋغانىڭ ئىچىدە ياشاشنى بىھۇدىچىلىك دەپ قارايتتى . ئۇنىڭ دوسىتلىرى نازىرلار ئەمەس . ۋالى ھاكىملار ئەمەس بەلكى جەميەتنىڭ ئەڭ تۈۋەن قاتلىمىدا ئۈزىنىڭ كۈنلىرىنى ھالاللىق ياشاۋاتقان موزدوز ،ساتىراچ ۋە كىتاپخانا ئاچىدىغان پىكىرى ئوچۇق ئادەملەر بولدى . ئۇ شۇلار بىلەن باراۋەر كەيپىيات ئىچىدە قانغىدەك مۇڭدىشاتتى . ئۇلارغا قانغىچە چىلىپ بىرەتتى . ئىجادىيەتلىرىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداق ئاددى ھۈنەرۋەن كاسىپلار ئاڭلايتتى . كىشىنى ئزىىقتۇرۇپ ئاخىرىدا ئادىملىگىنى خار قىلىدىغان ۋە ھەممە ئادەمگە داۋاملىق لازىم بۇلىدىغان « پۇل» نىڭ كەينىدىن قاتراپ ئۆزىنى خار قىلمىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12624
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:56:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راخمانجان ئاكا  سىزنى  بۇ مۇنبەردە  كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم ،
ئابدىرھىم ھاجىمنى تىخىمۇ تولۇق چۈشىنىشكە ئىمكان يارتىپ بەرگنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت ،

TOM-AND-JERRY

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3626
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش