تىپو __ دەسلەپ . (مەكىتتىكى يەرلىك خەلقلەر كۆپ ئىشلىتىدۇ) مەن تىپودا كەلگەن .
چاپى __ كارۋات . (مەكىتتىكى يەرلىك خەلقلەر كۆپ ئىشلىتىدۇ) ئۆرە تۇرىۋەرمەي چاپىغا كىلىشسىلە .
ئىششەك __ بىرمۇنچە . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ) سىرتتا ئىششەك بالىلار چۇقۇرۇشۇپ يۈرۈيدۇ .
ھوزۇدەس __ دەرھال . (مەكىتتىكى يەرلىك خەلقلەر كۆپ ئىشلىتىدۇ) مەن بارمايمەن دىيىشىمگىلا داۋۇت ھوزۇدەس سۆزلەپ كەتتى .
روزىگەر __ ۋاقىت ئۇقۇمى . (مەكىت دىھقانلىرى كۆپ ئىشلىتىدۇ) سومكامنى يېنىمدىلا قويغان ، ئىككىمىز پاراڭلىشىپ تۇرغان روزىگەردە يوقاپ كەتتى .
كۇمايلەك __ يۇمىلاق ، چەمبەر شەكىللىك . (يوپۇرغا ناھىيىسىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
سوزماق __ رەگەتكە . (يوپۇرغا ناھىيىسىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
غۇژژەك __ نۇر ، پىرقىرىما . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
جامبا __ دەسمال . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
كاكىلاش __ تۇخۇم تۇغۇش . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
پىلات __ يىلىڭ ئۇزۇن چاپان .(مەكىت ناھىيىسىدىكى قىسمەن كىشىلەر ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان)
ئاتام باللا __ دادام . (مەكىت دولانلىرى كۆپ ئىشلىتىدۇ)
ئانام باللا __ ئانام . (مەكىت دولانلىرى كۆپ ئىشلىتىدۇ)
ئاق ئانام __ ھامما ئانام . (مەكىت يېزىلىرىدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ)
ھارماڭ __ تېچلىق كەلدىڭىزمۇ دىگەن مەنىدە . (يەكەن يېزىلىرىدا كۆپ ئىشلىتىدۇ) ھارماڭ ئاكا .
ھاپپاق __ شاپىلاق . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ) ھاپپاق بىلەن بىرنى قويدى .
گىرشى __ ئەتىگىنى تاڭ سۈزۈلگەن دىگەن ۋاقىت . (مەكىتتىكى يېشى چوڭلار ئارىسىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ)
چىپتا __ ئۇن خالتىسىدىن چوڭراق ، تاغاردىن كىرىكرەك خالتا . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
ئاق نان __ كاكچا . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
ئاق ساقال __ بۇرۇنقى تىجارەتچىلەرنىڭ باشلىقى . (مەكىتتە كۆپ ئىشلىتىلگەن ، ھازىر ئىستىمالدىن قالدى)
زەدەك __ سەۋزە . (مەكىت دىھقانلىرى كۆپ ئىشلىتىدۇ)
مىسكە __ تۇنىكىساز ، سىلىسار . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
بۆسكەك __ كەتمەن شەكىللىك ئارا . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
ئۆتكەمە __ غەلۋىرنىڭ چوڭى . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدۇ)
قاغا تۇمشۇق __ ئىشىكنى قۇلۇپلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ھازىرقى ھالقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئەسۋاپ . (مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلگەن ، ھازىر ئىستىمالدىن قالدى)
خانىم __ مۇئەللىمە .
قاۋان __ توپا -ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆي ياسىغاندا ياغاچ قۇرۇلمىنىڭ مىدىرلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زەگۈندە (تامنىڭ ئۇلىغا قويۇلغان ياغاچ) بىلەن تۈۋرۈكنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ مىخلاپ قويىلىدىغان ياغاچ .
ھاتتا __ ئۇششاق تىجارەتچى .(مەكىتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلگەن ، ھازىر ئىستىمالدىن قالدى)
پوتكاپ __ قويۇق . (مەكىتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ) سىرتقا چىقىپ كىرىپ بولغۇچە قازان قايناپ ، ئاش پوتكاپ بولۇپ كىتىپتۇ .
چوڭ قۇرۇقلۇق __ قوينىڭ بىر تۈرى . (جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەمەس جۇمۇ يەنە )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taltograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 07:41 PM