hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:29 AM
بىزگە غىتمەك سەنئەتچىلەرنىڭ ناخشا - ئۇسۇلى بولسىل ...
ئىسىل گەپ بولدى ، ئالقىش مەدھىيە دىگەنلەرنى ئەسلىدە ۋەتەن خەلىقنىڭ بەخىت سائادىتى ئۈچۈن جان تىكىپ جەڭ قىلىپ زەپەر قۇچۇپ كەلگەن جەڭچىلەر ئۈچۈن ياغدۇراتتۇق ، گۈلچەمبىرەك دىگەنلەرنى ۋەتەنپەرۋەر ، باتۇر سەركەردە قوماندانلارنىڭ بوينىغا ئاساتتۇق ، تون دىگەننى يىتىشكەن ئالىم، ئۆلىمالار ئۈچۈن كىيدۈرەتتۇق ...
ھازىرچۇ ؟ ئىككى تۆت تال ناخشا ئوقۇپ قويسا ، قاشلىرىنى ئىتىپ بەللىرىنى تولغاپ ئۇسسۇل ئويناپ بەرسە ، قىل قالىمىز بىشىمىزغا ئىلىپ كۆتەرگىلى . بۇنداق دىسە بەزىلەر‹‹ ئىسىت بىز خەق دىگەن زادى كۆرەلمەس ، ئىچى قوتۇر خەق،شۇلارنىمۇ خاتىرجەم ئىيتقىلى ، ئوينىغىلى قويماي›› دەپ گەپ قىلغانغا تويغۇزىۋەتكىلى ئاران تۇرىدۇ . ئەمما لىكىن بىز زادى كاللىمىزنى سىلكىمىسەك بولمايدىغان يەرگە يەتتى . ئايدا بىرشەھەرمۇ شەھەر چۆرگىلەپ نەغمە قىلىدىغان ‹‹ مەشرەپ››لىرىمىز بار ، ياشلار بىكار قالمىسۇن دەپ قىلىپ بەرگەن ‹‹ناۋا››لىرىمىز بار ، يەنە نۇرغۇن ناخشا كېچىلىكى ، ئۇسسۇل كېچىلىكى...
شۇلارنىڭ بىرسىنىڭ ئورنىغا بولسىمۇ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ياكى بولمىسا پەننىي مۇسابىقىلەردىن بىرسى ئالمىشىپ قالسا ، ئاللاغا مىڭ ھەمدۇ سانالار ئىيتماسمىدۇق؟ ھىلھەم بىر ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت تۇرۇۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ئاللاغا ئالەمچە شۈكرىمىز بار . شۇندىمۇ ‹‹ ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئوڭشىمىغۇچە ، ئاللا ئۇنى ھەرگىز ئوڭشاپ قويمايدۇ ›› . شۇڭا ئەزىزلىنىشكە تىگىشلىكلەردىن ئالقىش سادالىرىمىزنى ئايىمىساق ، ۋاز كىچىشكە تىگىشلىكلەردىن ۋاقتىدا قولىمىزنى يۇيساق دىگەن ئۈمىدتىمەن .