مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ماختىماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1556
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14412
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 05:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 05:02 PM
مەيلى شەخسى  بولسۇن  مەيلى كوللىكتىپ مەيلى  شىركەت  بول ...



تىما ئېگىسىنىڭمۇ ئوتتۇرغا قويغان قارشىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ ، بىراق بەزى ۋاقىتلاردا سىز تىلغا ئالغاندەك يولىدا مۇۋاپىق يوسۇندا  ئۆزىنى ئۆزى ماختاش شۇ كىشنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۆزىنى سۆيدىغان ،ئۆزىنى تىخمۇ مۇكەممەلەشتۇرۇشكە ئىجابى تەسىرى بار دەپ قارايمەن .

بۇنىڭ شەرتى، كىبىرلىك ئاررلىشىپ قالماسلىق شەرت قىلىنىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84523
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 796
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-8-31
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 06:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. راست ئۆزىنى كىبىرلىك ئارىلاشقان ھالدا ماختاش ياخشى تەسر بەرمەيدۇ. ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ماختىغىنىدىن باشقىلارنىڭ ماختىغىنى ھەقىقەتەن ئەۋزەل. ئەمما، ئۆز-ئۆزۈمنى ماختىمايمەن، دەپ بەك كەمتەر بولۇپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. كەمتەر كىشىلەرنى ھازىر ھۆرمەتلەيدىغانلار ئاز، كۆزگە ئىلمايدىغانلار كۆپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 06:36:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشى بىلىمسىز بولغانسېرى ئۆزىنى بىلەرمەن ھېساپلايدۇ،بىلىملىك كىشى ئوزىنى ماختىنايدۇ،.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:27:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاپامنىڭ ئالدىدىلا ماختىنىپ قويىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپىنچە ئىنسانلار ماختىلىش تاماسىدا، تەنقىتلىنىش قورقۇسىدا ياشايدىغان بولغاچقا، بۇنى داۋالاش دەرھال ئۆنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە ئىنسانلار تۆۋەندىكى بەش دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:

1-دەرىجە: ماختالسا خوش بولىدۇ، تەنقىتلەنسە ئازابلىنىدۇ. بۇلارغا داۋالاش بەك پايدا قىلمىغان. كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ تۈرگە كىرىدۇ.

2-دەرىجە: ماختالسا خوش بولمايدۇ، ئەمما تەنقىتكە ئۇچرىسا ئازابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىنسانلار ئېغىزىنى ۋە بەدەن ئەزالىرىنى باشقۇرالايدۇ.

3-دەرىجە: ماختىلىش بىلەن تەنقىتلىنىشنى ئوخشاش كۆرىدۇ. ماختالغاندا شاتلىنىپ، تەنقىتلەنگەندە ئازابلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئۆلچىمى شۇكى، ئۆزىنى ماختىغان كىشىگە قىلغان ياردەمدىن ھېس قىلغان خوشاللىق، ئۆزىنى تەنقىتلىگۈچىگە قىلغان ياردەمدىن ھېس قىلغان خوشاللىقتىن ئارتۇق بولماسلىق. بۇنداق ھالەتكە كېلىش ئالدىنقى ئىككى دەرىجىگە قارىغاندا تەسرەك.

4-دەرىجە: ماختالغاندا خوش بولمايدىغان، ئەمما تەنقىتلەنگەندە خوش بولىدىغانلار. بۇ خىل روھىي ھالەتتىكى كىشى ماختىلىشنىڭ ئۆزىنى ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، مەخلۇقاتلارغا يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى، تەنقىتلىنىشنىڭ بولسا ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تونۇۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىقى، مەخلۇقاتلاردىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.

5-دەرىجە: بۇلارنىڭ ماختىلىش ۋە تەنقىتلىنىش بىلەن قىلچىلىك كارى يوق. بۇلار پۈتۈنلەي ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدىغان ئىنسانلار بولۇپ، بۇلار قىلغان ئىشىنى ئىنسانلار ماختامدۇ؟ تەنقىتلەمدۇ؟ چاتىقى يوق، قەلبىدە پەقەت ئاللاھتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ. بۇ ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدۇر.

قىسقىسى، مال-مۈلۈك، ئەمەل-مەنسەپكە ئامراقلىق، رىياخورلۇق، ماختىلىشنى ياقتۇرۇپ، تەنقىتلىنىشنى ياقتۇرماسلىق قاتارلىق روھىي ھالەتلەر ئىنساننىڭ ئەخلاقىي-پەزىلەتلىك بولۇشىدىكى تۇسالغۇ، يەنى، كېسەللىك مىكروبى بولۇپ، بۇنى ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىش زۆرۈر. بۇ دېگەنلىك، پۇل، مال-دۇنيا، ئەمەل-مەنسەپتىن تامامەن يىراق تۇرۇڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى بىر ۋاستە ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى بۇلار ھاياتىنىڭ مەقسىدى ئەمەس، بەلكى ھاياتتىكى بىر قۇرال ياكى  ۋاستىدۇر. بۇ ۋاستىدىن پايدىلىنىپ ھەم ياخشى ئىش قىلغىلى بولىدۇ، ناچار ئىش قىلغىلىمۇ بولىدۇ. مەقسەت بۇ ۋاستىنى ناچار ئىشقا ئەمەس، ياخشى ئىشقا، ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت خالاس.




مەنبە    :   ساقلاپ  قويغانلىرىم    .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82139
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوزنى ماختىغان بىرىنجى ئاخماق ،خوتۇننى ماختىغان ئىككىنجى ئاخماق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:42:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى تىما بوپتۇ [ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق ]. دەپ توغرا دىگەن كونىلار. ھەر قانداق بىر ئىنساننى. بەك ماختاپ كىتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى ماختاش [ئاللا]قا خاستۇر . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayhenim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 08:07 PM  


بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84698
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 458
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-9-4
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 08:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 07:42 PM
ئىنتايىن ياخشى تىما بوپتۇ [ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخ ...

ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بولغۇچە يۆتىلىپ كەتتىم. تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلارسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 08:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qvxtabiri يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 08:06 PM
ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بولغۇچە يۆتىلىپ كەتتىم. تىنىش بەل ...


ئەمدى ئوقۇپ بېقىڭە. يۆتەلمەي ئوقۇيسىز .خې خې خې .ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە .كۆپ رەھمەت .دىققەت قىلىمەن ئەمدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayhenim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 08:11 PM  


بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7405
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 09:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونىلار دەپتىكەن يېرىم چېلەك سۇ بەك چاچرايدۇ دەپ،  ھەقىقى بىلىملىك  ئادەملەر ئىنتايىن كەمتەر بۇلىدۇ. ئەكىسچە كىچىككىنە بىر نەرسىنى چالا بۇلا ئۆگەنگەن ئادەم ئاشۇنداق ئۆز-ئۆزىنى كۆز -كۆز قىلىپ ماختىنىشقا ئامراق كىلىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش