akbar0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 10:34 AM
باكتىرىيە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئېفتالىتلار دەپمۇ ئاتالغا ...
ياپتاللار(嚈哒،Hephthalite) قەدىمدە ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا ياشىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ مىلادىيە 5-،6-ئەسىرلەردە بىر قانچە قېتىم ھىندىستان ۋە پېرسىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن .خەنزۇچە سالنامىلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇلار ئەسلى سەددىچىننىڭ شىمالىدا تۇردىغان بولۇپ خەن دەۋردىكى بۈيۈك ياۋچىلار(大月氏)نىڭ ئەۋلادىلىرى ئىكەن،بەزى ئالىملار بۈيۈك ياۋچىلارنى توخارلار(吐火罗) دەپ قارايدىكەن.غەرب تارىخچىلىرى ياپتاللارنى ئاق ھۇنلار(白匈奴) دەپ ئاتايدىكەن.
ياپتاللار موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ مىلادىيە4-ئەسىرنىڭ 70-يىللىردا ئالتاي تېغىدىن ھالقىپ غەربكە كۆچكەن ھەم سوغىدىيانانى ئىگەللىگەن.مىلادىيە 5-ئەسىرنىڭ 20-يىللىردا ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ساسانىلار ئېمپىرىيەسىگە تاجاۋۇز قىلغان بىراق بەھرام(
Bahram V) تەرپىدىن چېكىندۈرۈلگەن،ئاندىن توخارىستان(كۆكئارتنىڭ غەربى،ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ)غا بۇرۇلغان،30-يىللاردا مۇشۇ يەردىكى كۇشان ئېمپىرىيەسىنى بويسۇندۇرغان،ئارقىدىنلا غەربتىكى پېرسىيە بىلەن توقۇنۇشقان،مىلادىيە 453-يىلى پېرسىيە ئېمپىرىيەسىنى مەغلۇب قىلىپ خۇراسان رايونىنى بىر مەزگىل بېسىۋالغان ھەم پېرسىيەئېمپىرىيەسىنىڭ دۆلەت كۈچىنى زور دەرجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۇلارنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان.