karluq02 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:43 PM
كىتاپخانىغا كرىپ، كىتاپ سېتىۋالماي كىتاپ ئوقۇپ چىقىپ ...
سىزنىڭ كۆز-قارشىڭىزنى قوللىدىم .
مەن كۈتۇپخانىغا كىرىپ ،كىتاپ سېتىۋالماي،كىتاپنى ئوقۇپ چىقىپ كەتكەنلەر توغۇرسىدا بۇلارغا مالامەت قىلىشنى توغرا تاپمايمەن .
ھازىر پۇل يامان يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاپنىڭ باھاسىمۇ يامان ئۆرە . بۇ ھەقتە سۆز ئاچساق نەشىر ھەققى ، دۇكان ئىجارىسى ھەققدىمۇ سۆز ئىچىشقا توغرا كىلىدۇ . نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كوچىدا ئەزان پىلاستىنكا ساتقانلارنى مۇمكىن بولسا بىر تال ئوق بىلەن ئىتىۋىتىش ،جىرمانىنى ئىغىر قويۇش ، نەچچە يىلدىن كىسىۋىتىش .....دىگەندەك تەكلىپلەرنى بىرىش ئارقىلىق،شۇ پىلاستىنكا ئېگىللىرىنىڭ ۋە شۇ پىلاستىنكىنى نەشىر قىلغۇچىنىڭ مەنپەتىنى قوغدىدۇق ،بىراق ئۇنىمى بولمىدى . بۇ ئېشلارنىڭ ئارقا كۆرنىشى مۇرەككەپ .گەپنى كىسىپ قىلغاندا ھەممسى ئىقتىساتقا تاقىشىدۇ .
.....ھاراق ئىچسە ھاراق ئىچتىڭ دىدۇق ، تاماكا چەكسە تاماكا چەكتىڭ دىدۇق . خىيانەت ىقلسا خىيانەت قىلدۇڭ دىدىۇق ، ئوغۇرلۇق قىلسا ئوغۇرلۇق قىلدىڭ دىدۇق ، ئەمدى كىتاپنى ئوقۇپ بولۇپ كىتاپنى ئالماي چىقىپ كەتسە كىتاپنى ئالمىدىڭ دىسەك ........؟
مەنمۇ ئاپتۇر دىققەت قىلغان بۇ ئىشلارغا خىلى بۇرۇنلا دىققەت قىلغان . ماۋۇ ئىچكىردىكى كۈتۇپخانلارنى تاشلاپ قويۇپ ، ئەدناسى ئانا دىيارىمىزنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كۇتۇپخانلارغا كىرىپ باقتىم . كىتاپ سېتىۋالغانلارنىڭ كۆپ سانلىقلىرى كەسپى خادىم ،زىيالى ،ياكى كەچىكى كۇرۇسنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئىكەن ، بۇلارنىڭ سېتىۋالغان كىتابىنىڭ ئىسمىغا قاراپ ،بۇلارنىڭ شۇ ئۆز كەسپىگە ئائىيىت كىتاپنىلا سىتىۋالغانلىقىنى باشقا رومان ،ھىكايە ، شېئىر ........قاتارلىق ژانىرلارغا ئائىيىت كىتاپلارنى ئالغۇسى بولسىمۇ . ئىقتىساتقا تاقىشىدىغان مەسىلە بولغاچ ،بۇ كىتاپلارنى كۈتۈپخانىدىلا ئوقۇپ بەھرى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن چىقىپ كىتىدىغانلىقنى ھىس قىلدىم . مەنمۇ بۇرۇن يامان كۆپ سېتىۋالدىغان كىتاپنى لىكىن ئۇ ۋاقىتتا كىتاپ ئەرزان ئىدى 15-14 يۈۋەنلەرگە خىلى ياخشى رومان ۋە ھىكايە كىتاپلارنى سېتىۋلغىلى بولاتتى بىراق ھازىر ئادەتتىكى بىر رومان 40-35 يۈۋەنگە ئاران كىلىدۇ . ئۇيغۇر كىتاپنى سۆيمەيدۇ ئەمەس سۆيىدۇ ، ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمەس .......بۇرۇن ئاتا-بوۋىللىرىمىز ئىچىدىكى بەزى كىشىلىرىمىز ، گەرچە كىتاپ ئوقۇشنى بىلمىسىمۇ ، ئالدىغا ئۇچۇرغان كىتاپلارنى ساقلاپ قويۇپ .ساۋاتلىق كىشلەرگە ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ شۇ كىتاپتىن بەھىرى ئالغان .
ئاپتۇرنىڭ شۇنچىلىك ئىشقا دىققەت قىلىپ ،كۈتۈپخانا ئاچقانالرنىڭ مەنپەتىنى قوغدىنى تولىمۇ ياخشى ئەھۋال . ئاللاھ ئۇ ئاكىمزىغا باشقا كەسىپ ئارقىلىق نەپ يەتكۈزگەي .
بۇ مەسىلگە بىزنىڭ دەيغىنىمىز بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كىتەر .