بۇ ئەسلى خېلى بۇرۇنلام مۇقىملىشىپ بولغان ئىشتى ، توردىن شۇنداق ئىزدەپمۇ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرنى تاپالمايۋاتىمەن .
ئىزدەش ئارقىلىق بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىدا ئىلىپ بىرىلغان iughur بۇلامسىز ياكى uyghur مۇ ؟! دىگەن مەزمۇندىكى بىلەت تاشلاش ۋە تەكلىپ لايىھسى ئارقىلىق ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يىزىق كومىتىتىغا تەكلىپ سۇنۇپ ، ئۇيغۇر سۆزىنىڭ يىزىلىشى uyghur دەپ ئېلنىدىغانلىقنى ۋە بۇندىن كىيىن مۇشۇ بۇيىچە ئىشلەتسە بۇلىدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ئىسپاتمۇ چىقىرىلغان ئىدى . (ئۈستىدىكى سۈرەت شۇ، مەزكۇر رەسىم مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلەردىن ۋاقىت سەۋەبى بىلەن كۈرۈنمىگەن بولغاچقا ، مەن ساقلىۋالغىننى يوللاپ قويدۇم. )
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل يىزىق كۆمىتىتىنىڭ iughur بۇلامسىز ياكى uyghur مۇ دىگەن تىمىغا بىرىلگەن جاۋابى :
http://bbs.bilik.biz/thread-4988-1-7.html
سۇنۇلغان تەكلىپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تىما ئادىرىسى :
http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=4710
كەڭ قېرىنداشلارغا دەيدىغىنىم بۇندىن كىيىن ، مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن يىزىلىشنى قوللىنىشىڭلارنى ۋە بۇ تۇغۇرلۇق قالايمىقان مۇنازىرە بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
تىمىدىكى مەسىلگە كەلسەك uyghur تور نامىنى بەلكىم باشقىلار تىزىملىتىۋالغان ، شۇنداق بولغاندىكىن باشقا نامنى ئىشلەتكەن بۇلىشى مومكىن ۋە ياكى باشقا ئويلىغىىنى باردۇر . تىمىدىكى تور بەتنىڭ ئېچىلىشى يەنىلام يوقتىن ياخشىراق ، تور نامدىكى مەسىلىمۇ ئاستا-ئاستا ئوڭىشىلىپمۇ قالار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ArmanimⅡ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 02:17 AM