UNDERTAKER نىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇسابىقىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ...
مېنىڭچە، 8-ئايلىق چوڭ مۇسابىقىدىن كېيىن ئاندېر تاكىرغا قىلىدىغان ئىش چىقتى.
نۈۋەتتە ،WWEساھەسىدە بىروك لېسنار ئۈزىگە تەڭ كەلگۈدەك رەقىپ تاپالماي، مۇشتۇمىنى سۇغا چىلاپ يۈرىۋاتىدۇ. WWE ساھەسىدىكى نۈۋەتتىكى ئەڭ قالتىس پالۋان ھېسابلىنىدىغان چېرىپىل ئەيىچ مۇ بىروك لېسنار تەرپىدىن ئىت-مۈشۈكتەك دۇمبالىنىپ، تۈزۈك قارشىلىقمۇ كۆرسىتەلمەي، بىروك لېسنار تەرپىدىن قۇلى -2قېتىم سۇندىرىۋىتىلدى؛ چېرىپىل ئەيىچنىڭ يېقىن دوستى،WWE ساھەسىدىكى يەنە بىر كاتتا پالۋان بولغان شاۋن مايكۇلنىڭ قۇلىنىمۇ بىروك لېسنار چېرىپىل ئەيىچقا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۇندۇرىۋەتتى.
دىمەك، WWE ساھەسىدە ، بىروك لېسنارغا جەڭ ئېلان قىلالىغۇدەك بىر ئاندېر تاكىردىن باشقا ئادەم قالمىدى. ئەمما ئاندېر تاكىرنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىدىن قارىغاندا، بىروك لېسنارنى يېڭەلىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.
سىلەرچىچۇ؟