Diablo يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 09:59 PM
بەزى ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى زادى قانچىلىك~`ئا ...
دېگنىڭىز دەك ھەدىسلەرنى توپلاش ھىجرىيە 100.ئەسىردىن تارتىپ باشلانغان.
بىراق ھەدىسشۇناس ئالىملار ھەدىس سۆزلىگۈچىلەرگە قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش قىلغان.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەن،فاسىق،بىدئەتچى،يالغانچىلارسۆزلىگەن ھەدىسىنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزمىگەن .
شارائىت بولسا ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ دامۇللا قارىھاجىم ۋە ئادىل ئابدۇخالىقنىڭ(جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى) ژۇرنىلىغا ھەدىس ئىلمى توغرىسىدا يازغان قىسىملىق ماقالىلىرىنى كۆرسىڭىز بۇ ھەقتە قىسمەن چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
ھازىر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان (سەھىھۇل بۇخارىي جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى)(ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە-مارجانلار)(ياخشىلار باغچىسى)(سەھىھ ھەدىسلەر) قاتارلىق تەرجىمە كىتابلاردىكى ھەدىسلەر ئىشەنچىلىك.
ئەگەر سىز كۆرگەن ھەدىسكە (سىەھىھ)،(ھەسەن)دەپ باھا بېرىلگەن بولسا ئەمەل قىلسىڭىز بولىدۇ،(زەئىف ) ھەدىسكە ئەمەل قىلىشتا بولسا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ.
زەئىف ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنىڭ شەرىتلىرى بار. مۇمكىن بولسا شەرىتلىرىنى بىلىۋىلىڭ.