jawzaa يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:34 PM
بەلكىم يۈز ئابروينى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قىلغان بولسا ئ ...
ساقلاپ قالغۇدەك قانچىلىك يۈزى قالغاندۇ ئىسكىلاتتا ئاداش ؟
بىر چاغدا ئائىلىگە كونا توك سائەتلىرىنىڭ ئورنىغا يىڭىدىن سەپلەيدىغان توك سائىتىنى ئورنىتىش جەرياندا بىزنىڭ ئائىلگە تەقسىم بولغان توك سائىتىنى ئەكىلىش ئۈچۈن ئېلىكتىر-ئېنىرگىيە توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىغا بارسام ، ئىدارىنىڭ ئىچىدە بۇ پونكىتنىڭ بىرنچى قول باشلىقى بولغان خەن يولداش، توك ئوغۇرلىغان بىر جۇجە چىقىرىش كارخانىسىنىڭ خوجاينى بىلەن بىزنىڭ مىللىتىمزىدىن بولغان بىر ئاداشقا ھە دەپ قاينىغىلى تۇرۇپتۇ . گىپى يىرىم ياتا ئۇيۈۇرچە بولغاچ ئازىراق زەن سالسا نىمە دىگىننى ئىنىق چۈشەنگىلى بولاتتى . ئۇ خەن يولداش ئۇيغۇر ئاداشقا مۇنداق دەۋاتىدۇ .
ھەي ئاداش . ماۋۇ توكتا جۇجە چىقىرىش كارخانىسىنىڭ خوجاينىغۇ ، خۇدانى بىلمەيدۇ . پارتىيەنىڭ خۇدادەك كىچە-كۈندۇز ھەر ۋاقىت ھەر يەردە نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان كۆزىدەك كۆزى بولمىغاچ ،پارتىيە ۋە دۆلەت سەزمىگىدەك پۇرسەت تاپسىلا ، پارتىيەنىڭ جۇملىدىن دۆلەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىقتىساتنى قانداق قىلسا قىىلپ بىر ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋىشىنىڭ كۆيىدا بولىدۇ . سەن مۇسۇلمان تۇرۇپ دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ( توك ئوغۇرلىغان ئىشنى دىمەكچى ئىكەن ) خۇدايىڭ كۆرۇپ تۇرسا ئوغۇرلاشقا جۇئەت قىلدىڭما . مۇسۇلمان سەندەك بولامدۇ . مۇسۇلمان دىگەن قەلبى پاكىز تاشقى سۈپىتى پاكىز بولغاندا راۋۋۇس مۇسۇلمان بولىدۇ . بىزنىڭ يۈزىمىزدىن سەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋرەتلىرى پاكىز بىلسەڭ . ئەگەر بۇ قىممەتنى سۆيۈش بىلەن ئىپادىلسەك . سىللەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلارغا سۆيگىلى بولىدۇ ، لىكىن بىزنىڭ يۈزىمىزگىمۇ سۆيگىلى بولمايدۇ .
چۈنكى سىللەر ھەر كۈنى بەش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كام بولغاندا ئىككى-ئۈچ قىتىم ئەۋرەتلىرىڭلارنى كۆڭلۇڭلار گۇۋالىق بەرگۈدەك ھالدا يۈيىسىلەر . بىز بولساق قارىماققا ئاپپاق ۋە پاكىز كۆرىنىدىغان تازلىق قەغىزى بىلەن تازلايمىز . بىراق بىز پاكىز دەپ بىلگەن ئۇ تازلىق قەغىزىنى پاختىنىڭ سۈپەتكە توشمىغان بۇزۇلۇپ كەتكەن پاختا تالاسى ياكى بولمىسا تاشلاندۇق ئەسكى قەغەزلەرنى خام ئەشيا قىلىش ئاندىن ئۈستىگە ئاقارتىش پارشۇكى پۈركۈلۈپ تەييار قىلىنىدۇ . بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئىشلەنگەن تازلىق قەغىزى بىلەن تازلىغان يەر قانچىلىك پاكىز بولماقچىدى . مەينەتنىڭ ئۈستىگە مەينەتنى سۈرتىپ .....شۇڭا بىزلەرنىڭ ئىچىمىزدە بوۋاسىر كىسىلى .....كىسىلى .....كىسىلى ، دىگەندەك كىسەللەر كۆپ .سىللەر بۇ جەھەتتە تازلىققا بەك رىئايە قىلغان بولغاچقا سىللەردە بۇ كىسەل بەك ئاز .
........ ساڭا مۇشۇنداق گۈزەل ئەخلاقنى بەرگەن خۇدايىڭنى رازى قىلىى يۈزىسىدىن خۇدايىڭنىڭ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يولسىزلىق بىلەن ناھەق يەۋەلماڭلەر دىگەن بۇيرىقىغا خلاپلىق قىلىپ خۇدايىڭ سىنى ھەر ۋاقىت كۈزۈتۇپ تۇرسا سەن خۇدايىڭدىن قورۇقماي ، دۆلەتنىڭ مۈلكىنى يەۋالساڭ ياخشى بولامدۇ دەپ باقە ! - دەپ بىر مۇنچە سۆزلەپ كەتكەن ئىدى .
سىز ئىيىقاندەك ، بۇ يۈز مەسىلىسى، تۇرمۇشىمىزنىڭ ناھايتى كۆپ تەرەپلىرىگە چىتىلىپ باردىكەن . ھەر بىر ھەر بىر گۇرۇھ ،ھەر بىر جەمەت ...ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تىكلىگەن نام-ئابرۇيىنى ساقلاپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ ، بۇ يولدا يۇقارقىدىكدەك ئۇسۇللارغا ئوخشاش بىمەنە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يۈز-ئابروينى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىمزىگە يىتىمىز دەپ ، دەل-ئەكسىنچە يۈز-ئابرۇيىنى تىخمۇ چۈشۈرۋالىدىكەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 12:22 AM