anzar333 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 10:58 AM
اللە رەھمەت قىلسۇن ، بەك ياخشى مەزمۇن ئىكەن، (ئىككى گەپ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
گېپىڭىزنىڭ ئۇرامىدىن قارىغاندا ئىملانى تەكىتلەش تالاشقۇدەك مۇھىم ئىش ئەمەسكەندە؟ (بارا- بارا تۈزىتىپ كېتىدۇ) دەپ شۇ ۋاقىتنى ساقلىغۇچە بەلكىم ئۆز يېزىقىمىزدا بىر نەرسە يېزىشمۇ بىزگە نېسىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. خاتالىقنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ مېڭىش، كېيىنكى پۇشايماننىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇل.
ئاۋال ئەتراپىڭىزغا زەن سېلىپ قاراپ بېقىڭ! تىلىمىزغا بولغان خىرىس كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە باشقىلارنىڭ ئىملا ھەققىدىكى توغرا تەكلىپىگە بۇنداق تەرىزدە جاۋاب قىلىپ، ئانا تىل ئىملاسىنىمۇ توغرا يازالماي، تىل-يېزىقىمىزنىڭ يوقىلىشغا كۈچ چىقىرىۋاتقانلارغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىسىز؟
تىل - يېزىقىمىزنى بۇرۇنراق قەدىرلەشنى بىلگەن بولساق، ھازىرقىدەك باشقىلارغا يېلىنىپمۇ يۈرمىگەن بولاتتۇق.
ئىنكاس يازغاندا ئويلىنىپ، ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 01:27 PM