مەماتىنىڭ «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» دىن ئايرىلغىنىغا كۆڭلى يېرىم ئىكەن
يىلدىن بېرى «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدە مەماتى باشنىڭ رولىنى ئېلىپ كەلگەن گۈركان.ئۇيغۇن «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» فىلىمىنىڭ يېڭى بۆلۈمىدىن يەنى 163- قىسىمىدىن باشلاپ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىكەن.
گۈركان.ئۇيغۇن ئايالى شەبنەم.ئۇيغۇن ۋە دوستى خېلىل.سېزاي بىلەن بىللە مەركەز ئىسىملىك بىر جايدا مۇخبىرلار تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىلدى. مەماتى باشنىڭ رولىنى ئېلىپ كەلگەن گۈركان.ئۇيغۇن مەماتى رولىدىن ئايرىلىپ ئۆزىگە يېڭى بىر بەت ئېچىش ئۈچۈن «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» فىلىمىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. گۈركان.ئۇيغۇن مۇنداق دىدى:« بۇ فىلىمدىن ئايرىلغىنىم ماڭا سەل تەس كەلدى. بىراق بۇ فىلىمنىڭ تۈگىشىگە يەنە ئون يىل بار. شۇڭا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى». ئۇ يەنە يېڭى كىنولاردا رول ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.