gvlnigar يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 04:06 PM
دادا، مەن بۈگۈنكى ئىمتىھاندا 60 نومۇر ئالدىم،- دېدى چوغ ...
گۈلنىگار ئىنتايىن ئەدەپ - ئەخلاقلىق، ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان، پەرىزاتتەك گۈزەل قىزكەن، لىكىن ئۇ يېشى بىر يەرگە بارغىچە توي قىلالماپتۇ، سەۋەبى ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرى ئىنتايىن قوپال، ئاڭلىغۇچىغا ‹بېشىغا توقماق تەگكەندەك› تەسىر بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان بىر ئەيىپى بار ئىكەن،
گۈلنىگارنىڭ ھۆسىن - جامالىدىن مەستىخۇش بولۇپ، ئەدەپ - ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ، ئەتكەن تامىقىدىن رازى بولۇشۇشقان ئەلچىلەر، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپلا، ‹ياقىلىرىنى تۇتىشىپ، ئاللا - توۋا ئېيتىشىپ› قېچىپ چىقىدىكەن.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ئەھۋال يەنىلا شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپتۇ، بىر كۈنى
گۈلنىگارنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ‹قىزىم! ئەمدى ئىش پەقەت قاملاشمىدى، سەن بۇندىن كىيىن گاچا بولىۋالغىن! مۇشۇنچىۋالا ئارتۇقچىلىقلىرىڭ گەپ قىلالمايدىغان ئەيىپىڭنى چوقۇم يېپىپ كېتەلەيدۇ› دەپتۇ.
راسىت دىگەندەك، ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇنداق ياخشى يەردىن بىر لايىق چىقىپ،
گۈلنىگارنىڭ توي ئىشى پۈتۈپتۇ. ئوغۇللۇق تەرەپتىكىلەر ئۇنىڭدىن ئىنتايىن رازىكەن، لىكىن ‹گاچا› لىقىنى ئويلىسا كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن، بىر كۈنى
گۈلنىگار ھويلىدا بىر ئىش بىلەن مەشخۇل بولۇپ يۈرگەن شۇنداق چىرايلىق، كىلىشكەن بىر يىگىتنى كۆرۈپ ‹گاچا› لىقى ئېسىدە يوق قىينىئانىسىغا گەپ باشلاپتۇ:
گۈلنىگار: ئاپا...
قىيىنىئانىسى: ۋاي پەرىشتىدەك قىزىم!!! ئاخىرى گەپ قىلدىڭىز!!! يەنە گەپ قىلىڭە!!! يەنە بىر گەپ قىلىڭە!!!
گۈلنىگار: ئاۋۇ كىم؟
قىينىئانىسى: ئۇ ئېرىڭىزنىڭ نەۋرە ئىنىسى، ئىسمى
زاغرا!
گۈلنىگار: ئېرىم ئۆلسە،
زاغرىغا تىگەيمىكىن دەيمەن!
(چاقچاق جىمۇ، خاپا بولۇپ كەتمەڭ يەنە
)