مىڭ لەنەت
(ئۆڭمەس)
ئىلاۋە :
ھۆرمەتلىك تورداش ۋە ئوقۇرمەنلەر ،مېنىڭ بۇ تېمام گەرچە بەك كۆپتۈرىۋېتىلگەندەك،( قىزلارنى بەكلا ئەيىپلىگەندەك) كۆرۈنسىمۇ ، جەمئىيەت تەكشۈرۈش،ئاۋامنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە قىسمەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ چۈشۈنۈپ يېتىش ئارقىلىق بۇ تېمىنى يېزىپ يوللىدىم. ھەممىگە مەلۇم، جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزى (مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرى) ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ، ۋىجدان، ئار-نومۇسنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئاۋۋال <<دىبا>>-قاۋاقلاردا، ئاندىن قىزلىق ئىپپىتىنى يوقۇتۇپ مېھمانساراي-ياتاقلاردا قونۇپ، ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇش(مەيلى ئۇ قايسى تائىپتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر)، ھەتتا ئاخىر بېرىپ <<لەي-لەي خانىلار>>(پاھىشەخانىلار)دا مېھمان كۈتۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىپ ، قىزلارنىڭ بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ نامىغا داغ يەتكۈزمەكتە..........(بۇ قىلچە ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولماستىن چىن ئەھۋال).
گەرچە بۇ ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ<<ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ>>نۇ نىجىس كېسەللىك پاك قىزلىرىمىزغا يۇقمىسۇن،ئۇلارنىڭ پاك-غۇبارسىز قەلبىنى بۇلغىمىسۇن دىگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
<<ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ئادەمنى تەربىيە>>، ئۇلار يەنىلا گۆدەك، تەربىيىگە ميھتاج!
قىزلىرىمىز كەلگۈسىدىكى ئانىلار، مىللىتىمىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەشۇلارنىڭ قولىدا! ھەممەيلەن ئۆز پەرزەنتلىرىمىزگە ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولايلى!
مىڭ لەنەت
(ئۆڭمەس)
چېھرى ئادەم، قىلىقى سەت نادان قىزغا مىڭ لەنەت،
ھارام پۇلنى قىلىپ مەقسەت باسقان ئىزغا مىڭ لەنەت؛
<<ئۇيغۇر قىزى>>نامىن بۇلغاپ يېگەن تۇزغا مىڭ لەنەت،
قىزلىقىنى ھېچ بىلەلمەس ھاياسىزغا مىڭ لەنەت.
ئاتا-ئانا ئۇنى ئەسلى باققان مۈشكۈل-جاپادا،
ئاتاپ ئاڭا قان-تەرىنى شۇنچە مېھرى-ۋاپادا،
ئەمدىلىكتە تۆكۈپ يۈزنى قويدى تەنە-تاپادا،
ئەجدادىغا يۈز كېلەلمەس ھاياسىزغا مىڭ لەنەت.
قۇلاق سالماي نەسىھەتكە يۈردى دىبا-قاۋاقتا،
كىرىپ شەيتان كەينىگە ھەم قونۇپ قالدى ياتاقتا؛
<<ئىپپىتىڭنى نە قىلدىڭسەن>>دېدى ۋىجدان سوراقتا،
ئەلدە يۈزىن كۆتۈرەلمەس ھاياسىزغا مىڭ لەنەت.
ئۇيغۇر قىزى سالغىن قۇلاق ، بىلىۋالغىن ئۆزۈڭنى،
مىللىتىمنىڭ نامىن بۇلغاپ، خوش قىلمىغىن ئۆزۈڭنى؛
ئىپپەتسىزلا ئانا بولساڭ قىلماس يورۇق يۈزۈڭنى،
ئەلگە نومۇس كەلتۈرگەن شۇ ھاياسىزغا مىڭ لەنەت!
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 06:52 PM