ئۆز ئاتا-ئانىلىرىدىن باشقىلارنى دادا، ئانا دەپ چاقىرىش توغرىمۇ ؟
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئاتا-ئانىلىرىمنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنى دادا، ئانا دەپ چاقىرىپ كۆنگەن. نەچچە كۈن ئالدىدا بىر ئۆلىما كىشى بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلگەنتى، ئۇ مىنىڭ دادامنىڭ ئاكىسىنى دادا دەپ چاقىرغانلىقىمنى كۆرۈپ، «دادا» دەپ چاقىرماڭ، پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ دادىسىدىن باشقىلارنى دادا دەپ دەۋا قىلىشتىن توسقان، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيد ئىسىملىك بىرەيلەننى بېقىۋالغاندا ئۇ زەيد ئىبنى مۇھەممەد دەپ ئاتالغان كىيىن بىر ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن ئۇنداق ئاتاشنى بىكار قىلغان، ئەبۇ تالىب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنى بىرەر قېتىم دادا دەپ چاقىرغانلىقى توغرۇلۇق ھەدىس يوق، بولمىسا پەيغەمبىرىمىز ھەممىمىزنىڭ ئەخلاق ئۈلگىسى …… دىگەندەك نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى، مىنىڭ بىلىشىمچە يۇرتىمىزدا بۇنداق ئاتاش خېلى ئومۇملاشقان، شۇڭا مەن تېخىمۇ يېتەرلىك قانائەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بۇ سوئالنى ئۆزلىرىدىن سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئالغا باستۇرغاي~~~~~ ئامىين!
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.
مەزكۇر ئالىمنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئورۇنلۇق، بىراق تاغىسىنى ياكى ئۇندىن باشقا تۇغقانلىرىنى دادا دەپ چاقىرىش ئۇنى دادام دەپ داۋا قىلىۋالغانلىق بولمايدۇ، ھامما ئاچىسىنىمۇ ئانا دەپ چاقىرسا ئۇنى ئۆز ئانام دەۋالغانلىق بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتىسىدىن باشقىلارنى ئىززەتلەش ياكى ھۆرمىتىنى قىلىش يۈزىسىدىن دادا ياكى ئاتا دەپ چاقىرسا بولاۋېرىدۇ. ئانىسىدىن باشقىلارنى ئىززەتلەش ياكى ھۆرمىتىنى قىلىش يۈزىسىدىن ئانا ياكى ئاپا دەپ چاقىرسا بولاۋېرىدۇ. شۇنداقلا ئۆز ئوغلىدىن باشقىلارنى مېھىر-شەپقەت يۈزىسىدىن بالام ياكى ئوغلۇم ياكى قىزىم دېسىمۇ ھېچگەپ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ئۆز بالىسىدىن باشقىنى بالام دەپ داۋا قىلىۋېلىش يوق.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: شۇنىڭ بىلەن مەن ئەبۇ تالھەنىڭ-ئۇ ئانىسى ئۇممۇ سۇلەيم بىنتى مىلھاننىڭ ئېرى- قېشىغا بېرىپ: ئى ئاتا! دېدىم. (سەھىھۇ مۇسلىم 2040-ھەدىس). ئىمام نەۋەۋى دەيدۇ: بۇ ھەدىستە ماجاز ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، چۈنكى ئۇ: ئى ئاتا! دېگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئانىسىنىڭ ئېرى.(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 13/223)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ”ئى ئوغلۇم“ دېگەن. يەنە مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ ”ئى ئوغلۇم“ دېگەن. (سەھىھۇ مۇسلىم، ئۆز ئوغلىدىن باشقىغا ”ئى ئوغلۇم“ دېسە جائىز بولىدىغانلىقى ۋە مېھىر-شەپقەت قىلىش جەھەتتىن ئۇنداق دېيىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى توغرىسىدا دېگەن باب 2151-2152-ھەدىس)
يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سەئد ئىبنى ھىشامغا: ”ئى ئوغلۇم“ دېگەن.(سەھىھۇ مۇسلىم 746-ھەدىس)
دېمەك بۇ ھەقتە چەكلەنگىنى پەقەتلا ئۆز ئاتىسىغا تېنىپ، باشقىلارنى ئۆز ئاتام دەۋېلىشتۇر.
باشقىلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ چاقىرىش مەقسىتىدە ئاكا، تاغا، ئاتا، ئۇكام، سىڭلىم، ئاچا، بالام، ئوغلۇم، قىزىم دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشمۇ ئوخشاشلا جائىز، بەلكى ئىمام نەۋەۋى ئېيتقاندەك مۇستەھەبتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە :
http://takwalar.com/?p=199