bugaltir يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 08:15 PM
‹‹ پاركور ›› ئاتالغۇسىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟
پاركورـ ئېنگىلىزچە قىسقارتىلما نامى Le Parkour بولۇپ،قىسقارتىلىپPK دەپ ئاتىلىدۇ ، ئادەتتە بۇ بىر خىل خەتەرلىك تەنھەركەت تۈرى بولۇپ،كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىكى مۇھىت بۇ تەنھەركەت تۈرى ئۈچۈن مەيدان،سورۇن بولالايدۇ.ئۇنىڭ مۇقىم قائىدىسى يوق،بۇ خىل تەنھەركەت بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئەسلىھەلەرنى توسالغۇ ھەم ياردەمچى قىلىپ، شۇلار ئارقىلىق يۈگرەپ، سەكرەشنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.شۇنداقلا بۇ چاققان ھەركەتلەر بىلەن بەدەننىڭ جىددى ئەھۋاللاغا ماسلىشىش ئىقدىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ تەرەپلىرى جانبازلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ.بىراق،جانبازلىق قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.پاركور بولسا جىددى ھەركەتلەر بىلەن سەكرەش ۋە ئەپچىل،چاققان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۆتۈش قىيىن بولغان ھەر خىل توساقلاردىن ئۆتۈشنى ئاساس قىلىدۇ.
بۇ تەنھەركەت تۈرى2000-يىلى فىرانسىيلىك داۋىد بېللى { B13-رايون دېگەن كىنودىكى باش رولچى } تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ،2002-يىللىرى مەملىكىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان ۋە شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەنىڭ ياقتۇرىدىغان بىر تەنھەركەت تۈرى بولۇپ قالغان.ھەم ناھايتى تېزلا پۈتكۇل دۇنيا مىقياسىدا شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان،تەرەققىياتى ناھايتىمۇ تېز بولغان.بىر قىسىم ھەركەتلىك فىلىملەردە بۇ تەنھەرىكەت تۈرى يەنە بىر ئورنىنى تاپقان .
قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەزكۇر ھەركەت دىيارىمىزدىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ ئەڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرىلىپ ئۈگۈنۈش دولقنىنى قوزغىغان ...
يۇقارقى فېلىمدىكى بالىلارنىڭ ھەركەتلىرى ھەقىقەتەن قالتىس چىقىپتۇ ... بۇلارنى ئەڭ مۇكەممەل بولغان پاركورھەركىتى دەپ ئاتىساق بۇلىدۇ .......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 08:37 PM