ھىجران
(قايتىلانغان نۇسخا)
مېھرىگۈل ئابلىمىت
~
مەنزىلىم بەك ئۇزاق، يەتمەك بەك قىيىن،
كۆزلىرىم ئارماندا ياشلىق ھەر كۈنى.
دېڭىزنى تولدۇردۇم تامچە ياش بىلەن،
قاچانمۇ يېشىلەر ھىجران تۈگۈنى.
~
ئاي قىيا مارايدۇ ئۆكسۈپ روجەكتىن،
ئازابلىق تۈنلەردە مەيىن شامالغا.
ھىجرانلىق كۈنلەرگە چىداش بەك تەسكەن،
چارىسىز قالدىمغۇ بىرەر ئامالغا.
~
قۇشلاردىن ئەۋەتتىم چىرايلىق سۆيگۈ،
يېنىڭغا بارغاندۇ سايرىشىپ بەلكىم.
دىلىمدىن مېھرىمنى بىرگە ئەۋەتتىم،
ئۇنىڭدا مۇجەسسەم مېنىڭ تىلىكىم.
~
گۈرۈلدەپ كۆيسە گەر تۈنلەردە پىغان ،
باغرىمنى قاماللار غېرىبلىق، پىنھان.
ئولتۇرسا خىيالدا مەسۇم جىمجىتلىق،
ئۇھسىنار قەلبىمدە سېغىنىش، ھىجران.
~
زېمىننىڭ باغرىغا قادالغان سۆيگۈ،
سارغايغان غازاڭدەك سۇسىراپ كۈزدە.
ئازابلىق تۈنلەردە ئايمۇ جىلمىيىپ،
قارايدۇ ئۆمچىيىپ مۇڭلانغان كۆزدە.
~
باغرىمدىن ئاقماقتا جۇدالىقتىن ياش،
ئېسىمدىن چىقمايدۇ خوشلاشقان ئاخشام.
ئەجەپمۇ ئېغىركەن ھىجران ئازابى،
ئازابقا شاھىتتۇر بۇ مۇڭلۇق ناخشام.
~
2012-يىلى9-ئاينىڭ26-كۈنى