barman يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 04:42 PM
ئەدەبىياتتىن ئازراقلا خەۋىرى بار ئادەم ئاپتورنىڭ نىمە ...
ئاڭلاپ تۇرۇڭ تورداش، ئۆزەملا چۈشەنچە بېرەي.
ئىسلاھات سۆزىنىڭ قوش تىرناققا ئېلىنىشىنىڭ ئۆزىلا بىر كىنايە مەنىگە ئىگە. يەنى «ئىسلاھات»= ئىسلاھات ئەمەس.
مەن بېشىدا ئېيتتىم، مەن كەسپ ئەھلى ئەمەس، ھەم بۇ مۇنبەر داڭلىق شائىر، يازغۇچىلاردىن باشقىلار يازما يازسا بولمايدىغان چوڭ مەتبۇئات ئورنىمۇ ئەمەس. بۇ يەرگە ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ شەخسى كۆز قاراش، ئوي-پىكىرلىرىنى يازىمىز.
مەن بۇ شېئىرىمنى قاملاشسۇن، قاملاشمىسۇن ئۆز ئوي-پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن يازدىم.
مەن تېخى ئوقۇغانلار بۇنىڭدىكى كىنايە مەنىنى بىلىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. يەنە تېخى بەزىلەر نىمىشقا بۇ سۆزلەرنى تاشلايمىز؟ دەپ سوراپتۇ.
تېخى 2 كۈننىڭ ئالدىدىلا بىرسى «ئانىلارنى ‹ئاپا› دېمەڭلار» دېگەن شېئىرنى يوللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە «ئاپا» دېيىش خاتاكەن، يەنە نۇرغۇن تورداشلار «ئاپا» دېيىش خاتا، دېدى ھەم ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆتكەندە بىرسى تېخى تەپ تارتماستىن «ئۇيغۇر» ئەمەس، «ئۇيىغۇر» دەپ يازما يازدى. يەنە تېخى بىرسى تىلىمىزدا «ڭ» دىن باشلانغان سۆز يوق، بۇ بىر كەمچىلىك، دەپ چىقتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «تۈكى يوق» بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز كۆز-قارىشىمنى قويۇش ھوقۇقىم بار. كۆز-قارىشىمنى ماقالە قىلىپ يازامدىم، ئىنكاس قىلىپ يازامدىم، ياكى سىلەر ياراتمىغان ئاۋۇ شېئىردەك شېئىر شەكىلدە يازامدىم، بۇ مېنىڭ ئەركىنلىكىم. تەستىقلاش، تەستىقلىماسلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى، قوللاش ياكى قارشى پىكىر قويۇش، ياكى سۈكۈت قىلىش سىلەرنىڭ ھوقۇقىڭلار. مەن مانا مۇشۇ ئەقەللى ھوقۇقىمغا ئاساسەن ئاۋۇ «قاملاشمىغان» شېئىرنى ئۆز پىكىرىمنى كىنايە شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن يازدىم. بەزىلەر راست، دەپ قالغان چېغىۋا. توۋۋا، دېيىشتىن باشقىسى بىكار.
ئەمدى ماڭا بۇ «نان»نى چايناپ بېرىشتىن باشقا ئامال قالمىدى:
تىلىمىزدا ئوخشاش مەنا بېرىدىغان مەنىداش سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ تىل بايلىقى. بىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، بىرىنى يەكلەش- نادانلىق. شۇنىڭغا مىسال قىلىپ، سىركە-ئاچچىقسۇ، پىيالە-سىركاي قاتارلىقلارنى مىسال ئالدىم. شۇنىڭغا ئوخشاشلا «ئانا» سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، «ئاپا» سۆزىنى يەكلەشنى خاتا دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن، «ئاپا» سۆزىنى خاتا، دىگۈچىلەرگە ئانا تىلىمىزدىكى بۇنداق مەنىداش سۆزلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئانا تىلىمىزنى ئۆزىمىز غۇلاتماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى (يانپاشقا ئېلىپ، يەرگە ئاتماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى) كىنايە شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇ قاتارىدا، ۋاقتىمىزنى، زېھنىمىزنى ئىسراپ قىلىپ، مۇنازىرە قىلغان «ئۈندىدار توغرىمۇ؟ دەللال ياخشىتى...» دېگۈچىلەرگە «ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيىغۇرمۇ؟» دەپ تەھلىل يۈرگۈزگەن ھېلىقىندەك تورداشلارغىمۇ كىنايە شەكىلدە خىتاپ قىلدىم. مانا بۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنى. مانا بۇ مېنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئۇسۇلۇم. مانا بۇ مېنىڭ بۇ خىل پىكىر بايان قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاش ھوقۇقىم.
مەن يەنە مۇشۇنداق تىل-ئاھانەت بولمىسۇن، دەپ پىكىرىڭىزنى توغرا ئوتتۇرىغا قويۇڭ، غۇرۇرغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ، ئورۇنلۇق پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن، دەپ ئەسكەرتىش بەردىم.
بەزى تورداشلار قارشى پىكىرنى تۈز يول بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمما بەزىلىرى خۇددى «ئەزىمەتخاننىڭ تايغانلىرى»دەك تالاپلا كېتىپتۇ.
ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، ئاڭلاڭ تورداش، مېنىڭ بۇ يازىمىنى قانداقتۇر، «دۇنيا ئەدەبىياتى» غا يوللاش ئويۇم يوق، ھەم بۇنىڭغا دەرىجەممۇ توشمايدۇ. ئەمما مېنىڭ مۇنبەرگە يوللاش ھوقۇقىم بار. تەستىقلانمىسا، ياكى ئۆچۈرۈلسە بولىۋىرىدۇ.
ئاخىرىدا، يەنە دەيدىغان گېپىم، ھەر-قانداق پىكىر بولسا، سەمىمىلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويۇڭ! بۇ ئىتتىپاقىمىزنى ياخشىلاشقا ئەڭ پايدىلىق. خەقنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزنى قىلماڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈپۈرگە. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 02:39 AM