ئالداپ كەتتى قەلبىمنى تامام،
گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ شەيتان.
ئۇزۇن ۋاقىت ياشىدىم ھۇشسىز،
قىيناپ ھىجران چۆللۈكىدە جان.
ناخشا ئېيتتىم باياۋان ئارا،
جىنكەش تۇيغۇ ئىچىدە يۈرۈپ.
ئىرىپ كەتتى باغرىمدا قۇملار،
ئاتەش سۆيگۈ ۋەسلىنى سۈرۈپ.
چىراق يېقىپ مازارغا تۈندە،
چىقتىم يارنى قوشاققا قېتىپ.
تەبىر ئىزلەپ بۇزۇلغان چۈشكە،
تەپتى ئۇلۇغ گۈلخاندا يېتىپ.
ئۆتتۈم نەچچە ئۆتەڭدىن ھالسىز،
يىغلاپ دەردكە ساپايە چېلىپ.
تەقدىر مېنى ئويناتتى ئۇزاق،
مەرمەر تاشتەك قولىغا ئېلىپ.
بۈيۈك ئەلگە تارقالدى نامىم،
ئۆتۈپ كۈنلەر بىپەرۋا، گاراڭ.
نېمە دېسە دېمەمدۇ خەقلەر،
شائىر دەمدۇ، قىپقىزىل ساراڭ...
گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ شەيتان،
قىلدى ئاچچىق قىسمەتكە دۇچار.
تۇقۇپ چىققان قوشاقلار بىركۈن،
قاقىر بولۇپ ئاسماندا ئۇچار...
مەنبە: ئىجادىيىتىم