lebronjames يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:31 PM
بۇ شىنجىن ئەمەسكەن نىمە جىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۇ ،،،، ...
بۇ شىنجىننىڭ مۇسۇلمانلار ناماز ئۆتەيدىغان چوڭ مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالال مېھنەت بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرەتلەر. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، مۇشۇ جايغا بېرىپ سۈرۈشتە قىپ باقسىڭىز بولىدۇ. شىنجىندىكى تارىم رېستۇرانىنىڭ ئىچىدە تاماق ئېتىدىغان ئۇستاملىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر. بۇ رېستۇراندا ئۈرۈمچىدىكى چوڭ رېستۇرانلاردىكى ھەممە تاماقلار ئەينەن چىقىرىلىدۇ. تاماقنىڭ تەمىمۇ ئۈرۈمچىدىكى رېستۇرانلاردىكى تاماقلارنىڭ تەمى بىلەن ئوپئوخشاش. مەسىلەن: بۇ ئاشخانىدا تونۇر كاۋاپ چىقىرىدىغان ئابلاجان ئىسىملىك بىر ياش ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ جايدا ئىشلەۋىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ مائاشى يۇقىرى ھەم خاتىرجەم ھايات كەچۈرىۋىتىپتۇ. شىنجىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغانلارمۇ بار ئىكەن ۋە تېلىفۇن سودىسى (زامان ماركىلىق قول تېلىفۇننى مۇشۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر بالىلار ئۆزلىرى لايىھەلەپ بازارغا سالغان)، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى سودىسى، قاشتېشى سودىسى ۋە يېمەك - ئىچمەك، مېۋە - چېۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىىمىزمۇ خېلىلا كۆپ. ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuktulpar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 09:11 PM