zal...lin يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 02:02 PM
بۇ كىنو ھەقىقەتەن ياخشى كىنو.... ئاتا-بالا ئولتۇرۇپ ھارا ...
سىزنىڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسدىكى باشلىقلىرىڭىزدا بىلىم -ئىستىدات يېتىپ ئىشىپ قالغۇدەك بار،مىللىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ۋىجدانمۇ بىر-ئىككى توننا بار، شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىسلار توغرىسىدا كېچىسى ئۇخلىماي تولا باش قاتۇرۇپ ، ۋىجدانلىق كىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئازابلانماسلىقى ،نادانلارنىڭ تېخىمۇ بەخىرامان ھوزۇرلىنىشىنى ئويلىشىپ ، مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان ، مىللەتنى زامانىۋى -ئىلىم پەنگە ، دۇنياۋى رىقابەتكە يۈزلىنشكە تۈرۈتكە بولىدىغان كىنو -فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ زىندان بولۇپ كەتكەن كاللىمىزنى ئويغۇتۇپ بىئارام قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،ھە دىسىلا ھىندىستانچە مۇھەببەت -سۈيقەسىت ، كورىيىچە «يۈكسەك ئائىلە ئەخلاقى»تەسۋىرلەنگەن فىلىملارنى كېچىنى -كۈندۈزگە ئۇلاپ تەرجىمە قىلىپ بىزنى قالتىس «ئەخلاقلىق» قىلىشقا تۆھپە قوشماقتا، ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!
قانداق ،تىلۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ باشلىقلىرىغا ئوقىغان مەدھىيەم سىزگە ياقتىمۇ ؟ئەزەلدىن باشقىلارنى مەدھىيلەش بىلەن خوشۇم يوق ئىدى ،بىراق ئىنكاسىڭىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. ئەگەر كەم قالغان جايلىرى بولسا تولۇقلاپ قويارسىز.