كۆرەش سەھنىسى
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،
بىزگىمۇ بار بىر كۈن ياكى ئەتىسى .
قانچىلىك كۈن ئۆتتى بىلمەي قالىمىز،
كېلىدۇ تۇيمايلا ئۆلۈم پەتىسى .
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،
شۇنچىلىك يېقىملىق چالغان پەدىسى .
مۇڭلىنىپ كېتىمىز بىلمەي قالىمىز،
قالىدۇ مۈكچىيىپ قامەت گەۋدىسى .
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،
يازىدۇ تەغدىرنى شۇنچە تەپسىلى .
ئۇقۇيمىز ھەسرەتتە تۇرۇپ قالىمىز ،
شۇ سەبىي بوۋاقتەك بولۇپ ھەقىقىي .
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،
پۇتۇلگەن ھەر كىمنىڭ ۋەدە-ئەھدىسى.
بۇزۇلۇپ كېتىدۇ بىلمەي قالىمىز ،
كېسىلسە بەندىنىڭ مۇنچىلىك ئەقلى .
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،
بولىدۇ نەيرىڭى ،تاپا - تەنىسى .
جۆر بولۇپ ئوينايمىز بىلمەي قالىمىز،
ئازدۇرغان ئاشۇ چاغ ،ھەر بىر بەندىنى .
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،
تاشىدۇ ئۇنىڭمۇ سەۋىر قاچىسى .
شۇنداق كۈن كېلىدۇ بىلمەي قالىمىز،
بولغاندا بۇ سەھنە ئۆلۈم قەبرىسى .
مەنبەسى: ئەپچىلەم