yawa-xir يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 06:54 PM
تېڭىرقايدۇ سەبىي ئارمان پۈككەن بۇ يۈرەك،
نەدە قالدى ق ...
ئىنتىلىش، قېقىلىش سەھنىدە ھامان،
تىپىرلار ئارماندا يۈرەك بوغۇلۇپ.
ئاتاسىز بارخاننى قاپلاپ يىتىملىك،
كەتمەكتە يانار تاغ ئوتى ئۇلغۇيۇپ.
ئۈنىدۇ ئۇرۇقمۇ تاشلارنى يېرىپ،
ھاياتلىق ئىستەكتىن ۋولقان ئېتىلىپ.
ئارمىنىم لاۋۇلداپ پاراسلاپ كۆيەر،
كەتمەكچى يانار تاغ ئوتى قېتىلىپ.
بۇ دىگىنىڭىزگە مۇشۇ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئىنكاستا يازغان مۇنۇ ئىككى كوبلىتنى يەنە قايتىلاپ جاۋاپ ئورنىدا يېزىشنى لايىق كۆردۈم، مەيلى ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۈمىتۋارلىقتا ياشىغان ياخشى دەپ قارايمەن. ھەم باشقا مىللەت بىر ھەسسە تىرىشسا، بىز ئون ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ھىچنىمە قىلماي ۋايسىغاندىن، ۋايسىساقمۇ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ ۋايساپ، توغرا يولدا ئەمىلىي بىر ئىش قىلساق، ھامىنى بىر كۈنى نەتىجىسى چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا poyuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 09:17 PM