Bilge يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:30 PM
گەپ مىكروئۇچۇردا ئەمەس،شۇنى ئىشلەتكەن ئادەمدە.
«ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، گەپ پايدىلىنىشتا» دېگۈچىلەرنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى باردەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئوبدان ئويلاپ باقساق ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى پىسخىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقانداق ھەرقانداق ئادەم مەيلى سەلبى ياكى ئىجابى بولسۇن، سىرتقى شەئىي ۋە مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ. ھەرقانداق شەئىي ۋە مۇھىتقا ھەممە ئادەمنىڭ ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرالىشى، مۇراپىق بىر تەرەپ قىلالىشى ناتايىن. بىر جەمىئەتتىكى ھەممە ئادەمنى بۇ خىل پىسخىك ساپانى ھازىرلىغان دېيىش خاتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە زىيىنى بولغان ھەم سەلبى جەھەتتىن غىدىقلايدىغان نەرسىلەردىن ئامال بار يىراق تۇرغان ياخشى. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا شىنجاڭلىق بىر يۇرتدىىشىم مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيتتى. ئۇ بىرىنچى مەۋسۇمدە ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۆزىگە شۇنداق قاتتىىق تەلەپ قويغان. لېكىن ئۇ سىرتتا قالايماقان ئىش قىلىدىغان بىرقانچەيلەن بىلەن تونۇشتى، ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەي ساقچىخانىغا كىرىپ قېلىپ مەكتەپتىن ھەيدەلدى. ھازىرغىچە يا قايتالماي، يا ئوقۇشىنى تۈگىتەلمەي يۈرىدىغۇ دەيمەن. دېمەك ھەرقانداق ئادەمدە ناچار مۇھىت ۋە شەئىيگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرالايدىغان پىسخىك ساپا بولۇشى ناتايىن. بولۇپمۇ سىرتقى مۇھىت ۋە يېڭى شەئىيگە نىسپەتەن سۈزۈپ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولغان مىللەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا «ھەرقانداق نەرسىنى ئىشلەتكۈچىگە باغلىق» دېگەن قاراش پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرگىلا ماس كېلىدۇ. ھە دېسىلا بۇ خىل قاراشنى تەشۋىق قىلىش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان تەھلىل.