ahter يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 07:18 PM
‹‹ ئاپا ›› دېگەن سۆزنىڭ مەنە چوڭقۇرلىقى ھەرگىزمۇ ‹‹ ئا ...
مەنمۇ ئاپا دەپ كۆنگەن . بەزى ۋاقىتتا ئاپا دىگەنلەرنى زاڭلىق قىىلىپ گەپ بولۇنسا سەل ئىچىمگە ئۆتۈپ كىتىدۇ . بۇ يەردە مۇھىم بىر مەسىلە نىيەت مەسلىسى . ئاتاش مەسلىسى دىگەن ھەر يەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتاش ئۇسۇلى بار . ئەجىبا ئانا دىگەنلەر چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ ، ئاپا دىگەنلەر چىن كۆڭلىدىن چىقارمامدىكەن . ئەمسە ئۇيغۇرلاردىكى ئاپا دەيدىغانلار ۋە باشقا تىلدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىن كۆڭلىدىن چىقارمايدىكەندە .خەنزۇچە ماما دەيدۇ ، ئۇلارمۇ ماما دىمەي ئانا دىيىش كىرەكمۇ ؟ ئىنگىلىسچىدىمۇ مام دەمدۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداقراق ئاتايدىكەن ، ئەجىپا ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ تىلىنى قوللانماي ئانا دىيىش كىرەكما ؟ مەن دادا ، ئاپا دەيمەن .تۇرپانلىق دوستلىرىم بار ، ئۇلار ئاتا دەيدۇ ، لىكىن بىز بىربىرىمىزنى زاڭلىق قىلمايمىز ، چۈنكى بىز ئاتا بىلەن دادىنىڭ ئوخشاش قوللىنىدىغانلىقىنى ، ئانا بىلەن ئاپىنىڭ ئوخشاش قوللىندىغانلىقىنى بىلىمىز .