Uyghuran يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 10:29 PM
ھازىر ياشلاردا مۇقىم بىر ئورۇندا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەپ، ...
ئەتىگەندە كىلىپ ئاۋال ئاچچىق ئىنكاسىڭىزنى كەينىدىن تاتلىق يېزىلغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ھەر ئىككىسىدىن خوش بولدۇم ،ئاچچىق ئىنكاسىڭىزغا شۇ تىمىغا ئىنكاس قالدۇراي،
بۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسىڭىزدىنلا سىزنىڭ سالماق، كۆپنى كۆرگەن، ئىلغار پىكىرلىك ئادەملىكىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن، مەن ئىنكاسىڭىزدا دىگەندەك باشلىقىم بىلەن سۆزلەشمىدىم، بەلكى ئۆزەمدىن خاتالىق ئىزدەپ ئىشقا تېخىمۇ بالدۇر كىلىپ تېخىمۇ ئەستايىدىل بولدۇم، چۈنكى مەن ياقتۇرغان ئورنىمدىن ئايرىلىشنى، ئازراق دىشۋارچىلىققا ئۇچرىساملا بەل قۇيىۋىتىپ باشقا ئورۇن تىپىشنى خالىمايمەن، يەنە كىلىپ بورۇن شۇنچە تۆۋەن مائاش بىلەن دەم ئىلىشلارنىمۇ قۇربان قىلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان، ئەمدى سەل راھەت ئىشلەيدىغان بىسىممۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەس ۋاقىتتا نىمىشقا چىقىپ كىتەتتىم؟ شۇڭا ئاۋال بۇ يىل ئاخىرىغىچە غەيرەت قىلىپ، ئۆزەمنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، باشلىقنىڭ ھەقىقى ماختىشىغا ئېرىشىپ، ئۆزى خالاپ مائاشنى قۇشۇپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈي دەپ مائاش تۇغۇرلۇق قايتا ئېغىز ئاچمىغان ئىدىم ، بىراق دەسلەپ كەلگەن خانىم مۇشۇ ئايدىلا مەن ئۈچۈن ئادالەت ياقىلاپ ئىككى ئېغىز ياخشى گىپىمنى قىلىپتىكەن باشلىق تەسىرلەندىمۇ ياكى خىجىل بولۇپ ھەقىقى قۇشۇشقا تىگىشلىك دەپ ئويلىدىمۇ يەنە 300 يۈەن قۇشۇپ مىنىڭكىنىمۇ 2000 يۈەنگە چىقىرىپتۇ، تېخى ھېيتلىق ھەممىمىزگە 1000 يۈەندىن تارقاتتى، بۇنۇڭدىن بىز تېخىمۇ خوش بولدۇق، ئەمدى گەپ قىلىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ ئويلۇدۇم، ئادەم شۇڭا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە قورۇقماي بوينىغا ئالسا ھەم ۋاقتىدا تۈزەتسە ئۈنۈمى بولىدىكەن، مەن پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇمنى ھازىر ئىسلاھ قىلىۋاتىمەن، مۇشۇ قىتىمقى ئىش ماڭا چوڭ ساۋاق بەردى. خوش خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!