مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: marziyya

تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرىنى بىلەمسىز... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 06:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاناڭنى ئاتاڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە دەپتىكەن كونىلار ....

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2929
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 11:01:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ 4- كۈنى بولۇپ قالدى ، ھېيت كۈنى ھەممىمىز دىگۈدەك قوي سويۇپ قۇربانلىق قىلدۇق ، ەۆش سېلىپ مىھمانلارنى ئۇزاتتۇق ، ئەمما سىز قۇربانلىق قويىڭىزنىڭ ئۆپكە ھېسىپىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭىز؟

قىنى ھەمشىرىلىرىم ، بىز ئۆپكە- ھېسىپ قۇيۇش توغرىلىق بىللە ئىزدىنىپ كۆر سەك قانداق ؟


1>تازىلاش :
1. ئۆپكىنى قانسىرىتىش
يېڭى سويۇلغان قوينىڭ ئۆپكىسى قان تولۇپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ . مۇسۇلمانلارغا قان ھارام قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن بىز ئۆپكىنى قانسىرىتىمىز .
كانايدىن چەينەك ياكى بىۋاستە تۇربا سۈيى ئارقىلىق ئاز- ئازدىن سۇ قۇيىمىز ، قۇيۇلغان سۇنىڭ مىقدارى كۆپەيگەنچە ئۆپكىمۇ ئېسىلىدۇ ، چوڭىيىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم سىغىش مىقدارىغا يەتكەندە ، سۇ قۇيسىڭىز كانىيىدىن چىقىپ كىتىدىغان ھالەتكە يەتكەندە ، سۇقۇيۇشتىن توختايمىز .(قايتا - قايتا تەكرارلىنىدۇ  )
2. ھېسىپ (ئۈچەي)نى تازىلاش(بىرىنچى قىتىملىق تازىلاشتىن كىيىنكى تازىلاش)
ئۈچەينى چوقۇم پاكىز تازىلىشىمىز كىرەك ، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۈچەينى ئۆرۈشنى ئۆگىنەيلى:
(ئۈچەينى ئۆرۈشتىن بۇرۇن سىرتىدىكى مايلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىلىۋىتىشىمىز كىرەك ، چۈنكى ئۈچەينى ئۆرىگىنىمىزدە مايلارنىڭ يىغىلىپ قىلىش سەۋەبلىك ئۆرۈلمەي قالىدۇ(  ئۈچەينىڭ چوڭراق تەرىپىنى ئالدى بىلەن 5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆرۈيمىز ، ئاندىن شۇ ئۆرۈلگەن يەرگە سۇ قۇيىمىز ، بىر تەرەپتىن سۇ قۇيغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچەينىڭ ئۆرۈلمىگەن يېرىنى ئاستا ئاستا ئىچىگە سالىمىز .  
ئۈچەي پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ بولغاندىن كىيىن جاۋۇرغا سىلىپ ئازراق سودا سىپىپ بىر ئاز قويۇپ قويىمىز ، 1- 2 مىنۇتتىن كىيىن سودا بىلەن يۇيىمىز ، ئاندىن پاكىز چايقىۋىتىمىز ، ئەگەر پاكىز تازىلانمىغان بولسا ( يىپىشقاق سۇيۇقلۇقلار بولسا) ، قايتىدىن سودا سىپىپ يۇيىمىز ، تەكرار - تەكرار يۇيىلىپ ، چايقالغاندىن كىيىن ، (تاكى يىپىشقاق سۇيۇقلۇق تۈگىگەنگە قەدەريۇيساق ئۈچەي ئاندىن پاكىزلانغان بولىدۇ .) ئۇنى قايتا ئۆرۈپ ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىمىز ( ئۈچەينىڭ چوڭراق تەرىپىنى ئالدى بىلەن 5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆرۈيمىز ، ئاندىن شۇ ئۆرۈلگەن يەرگە سۇ قۇيىمىز )

قوينىڭ ئاشقازىنى(قېرىننى) تازىلاش

يىڭى قاينىغان قايناق سۇنى قېرىن قويۇلغان جاۋۇرغا تۆكىمىز ، تازىلاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار :

1. جاۋۇرنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يېپىپ قويۇپ ، بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئېلىپ پىچاق بىلەن قىرىپ تازىلايمىز .

2. قايناق سۇنى قۇيۇپ بولۇپلا قېرىننى قولىمىزغا ئىلىپ ، قىززىق پىتى تېرىپلىرىنى قولىمىز بىلەن تازىلىساقمۇ بولىدۇ .  

تازىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ تور شەكلىدىكى خالتىسىمان يېرىنى كىسىۋالىمىز .

2> ئۆپكە ھېسىپ قۇيۇش

1. تەييارلىق  

1)قېرىندىن كىسىۋىلىنغان يەرنى ( دوپپىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) كانايغا تىكىمىز .

2) ئۈچەينىڭ ئىنچىكە تەرىپىنى يىپ بىلەن چىڭ بوغۇپ تەييارلايمىز .

3) خېمىر يۇغىرىمىز .(مىقدارى ئۆپكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ)

4) 7-8 تال تۇخۇم ؛چوڭراق پىيالىدە بىر پىيالە سۇ يىغىنى چۈچۈتۈپ تەييارلايمىز.

5) جىگەر ، گۆش ، قۇيرۇق يېغىنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز .

2. قۇيۇش

1.چوڭراق قازانغا سۇقۇيۇپ قېرىننى سىلىپ ، ئوتقا قويىمىز .

2. چوڭراق جاۋۇرغا سۇ ئېلىپ ، خېمىرنى سېلىپ ، شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز .( بىر نەچچە جاۋۇرغا سىلىپ شىرنە چىقىرىپ ئاخىرى مىيەنجاڭغا ئايلانغۇچە داۋاملىشىدۇ)

ئۆپكىنى ئىلىپ تىكىپ تەييارلانغان دوپپىلىقى ئارقىلىق چىقىرىلغان خېمىر شىرنىسىنى ئۆپكىگە قۇيىمىز .... بىز مۆلچەرلىگەن شىرنىنىڭ يېرىمى قۇيۇلۇپ بولغاندا چۈچۈتۈلگەن ياغنى قۇيىمىز . ئاندىن يەنە خېمىر شىرنىسى قۇيىلىدۇ ....، ئۆپكە قۇيۇلۇپ بولۇشىغائاز قالغاندا تۇخۇمنى چېقىپ ، ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۆپكىگە قۇيىمىز ، ئۆپكە ئۇنى <يەپ بولغاندا>  يەنە ئازراق خېمىر شىرنىسى قۇيىمىز . ئۆپكە چىڭىغاندا خىمىر شىرنىسى قۇيۇشتىن توختۇتۇپ ، دوپپىلىقىنى تەييارلاشقا تۇتۇش قىلىمىز .
توغراپ تەييارلىۋالغان جىگەر ، گۆش، قۇيرۇق يېغىغا(گۆشنىڭ يېغى بولسىمۇ بولىدۇ)، چانالغان قۇرۇق مۇچ، قۇرۇق پەمىدۇرنى ئارلاشتۇرۇپ ، ئازراق زىرە ، تۇز قوشۇلۇپ قىيما قىلىمىز ؛   مىيەنجاڭنى نىپىز يېيىتىپ ، تەييارلىۋالغان قىيمىمىزنى ئۈستىگە يېيىتىمىز ، ئاندىن تۈرمەللەيمىز ۋە دوپپىلىقنىڭ ئىچىگە ئاستا تىقىمىز . ئاندىن دوپپىلىقنىڭ ئاغزىنى يىپ يىڭنە بىلەن يىمىرىپ چىڭ تىكىمىز.
تەييارلانغان ئۆپكىنى قازانغا سالىمىز ( سۇغا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باشتا دوپپىلىقى سۇغا سېلىنمايدۇ ).
ئۈچەينى تەييارلاش
توغراپ تەييارلانغان گۆش، جىگەر، قۇيرۇق يېغىغا ، چانالغان پەمىدۇر، مۇچ ، يۇمغاقسۈت قوشۇپ تەييارلايمىز.
ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ ، تەييارلىغان خۇرۇچلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە سىلىپ ، مۇۋاپىق سۇ قۇيىمىز ، ئۈستىگە تۇز ، زىرە سىلىپ تۇزىنى تېتىغاندىن كىيىن ، ئۈچەينىڭ ئىچىگە قۇيساق بولىدۇ . ( سۇ ھەم گۈرۈچى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى كىرەك )  ئۈچەينى قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ، يىپ بىلەن ئۇچىنى چىڭ بوغىمىز .
مانتا دۈملەيدىغان قاسقانغا ئاستىنقى جىمبىل چىلاشقىدەك  سۇقۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن، جىمبىلنى قويۇپ ئۈستىگە ئۈچەينى يۆگەپ قويىمىز(بۇنداق بولغاندا سۇ بىلەن گۈرۈچ ئۆز ئارا يۈرىشىدۇ) ، تۇۋاقنى يىپىپ ، 5- 10 مىنۇت تۇرغىمىز .
ئۆپكە سالغان قازاندىكى <دوپپىلىقنى >ئۆپكە يېرىم سائەت قاينىغاندىن كىيىن پەمبىلەن ئاستا سۇغا سىلىۋىتىمىز.
ئۈچەي قايناپ 5- 10 مىنۇتتىن كىيىن ، يىڭنە بىلەن ئۈچەينىڭ سۈيى كۆپ يەرلىرىگە سانچىپ ئارتۇق سۈيىنى چىقىرىۋىتىمىز .......
ئۆپكە ئىككى ، ئىككى يىرىم سائەتلەردە تەييار بولىدۇ . ئۈچەي قىرىق مىنۇتتىن ، بىر سائەتكىچە ئارىلىقتا تەييار بولىدۇ . ئاندىن ئۇلارنى قازاندىن سۈزىۋالساق بولىدۇ .
تەييارلانغان ئۆپكە ھېسىپنى ، چىرايلىق توغراپ ، ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ ، ياغمۇچ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستىمال قىلساقمۇ بولىدۇ .
مەنبە : ئۆزۈم .( كەسپى ئاشپەز بولمىغاچقا خاتالىق بولسا ، تۈزۈتۈپ قويارسىلەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marziyya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-29 11:56 AM  


نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15302
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3302 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 12:48:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلار بولسا يەنە يوللاپ تۇرارسىز ، ئىنشائاللاھ .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4744
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 01:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە !

بىلىۋالدۇق ،

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91228
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-2-5
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:42:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
顶......叹为观止.....












除甲醛空气净化器   空气净化器价格 

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش