baytura يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:13 PM
دۆلىتىمىز 2008-يىلى پۇل -مۇئامىلە كىرزىسى يېڭى باشلانغان ...
شۇنداق .
دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ باشلامچىسى 2008-يىلى ئامىرىكىدا باشلانغان «ئىككىلەمچى قەرىز كىرزىسى» دۇر . ئەينى يىلى ئامىرىكىدىكى چوڭ كاپىتاللار «ۋال كوچىسى ئىشغالىيتى» ھەركىتىنى قوزغاپ، ئامىرىكا ئىقدىسادى ئارقىلىق ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئىقدىسادى كۇچىنى مونۇپۇل قىلماقچى بولغان. نەتىجىدە ياۋرۇپا ھازىرقىدەك ئىغىر ئىقدىسادى كىرزىسقا پىتىپ قالغان . پەقەت شىۋىتسارىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «ئارلاشماسلىق» لىقتەك بىتەرەپ پوزىتيسىيەدە تۇرۇپ، بۇ چوڭ كىرزىستىن قۇتۇلۇپ قالغان . ئەمما ياۋرۇپانىڭ پارچىلىنىش خەۋىپى ھىلىھەم مەۋجۇد.ياۋرۇپانىڭ يۇرىكى بولغان فىرانسيە ۋە گىرمانىيە 11دۆلەتنىڭ قوشۇلىشى ئارقىسىدا ، «ياۋرۇپا قوشما شىتاتلىرى»نى قۇرۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتىدۇ .ناۋادا ئۇلار «ياۋرۇپا قوشما شىتاتلىرى» قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قالسا، ئۇنداقتا دۇنيادا يەنە بىر بۆلەك ئىقدىسادى قالايمىقانچىلىق يۇز بىرىشى مۇمكىن .چۇنكى «تاللاش-بىلەن شاللاش» بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ .