kunduz يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 01:19 PM
2_ ھۆكۈممۇ سەل ئورۇنسىزمۇ قانداق ئايال مەيلى قانداق ۋاق ...
ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم ، سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى ئورنىغا ئاشۇ كىتابتىكى ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم . ئەر - ئاياللار ئىسلامدىكى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلسىلا ، بىز قوبۇل قىلالمىغان بەزى ئىشلار ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كىتىدۇ .
ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى :
1. ئىرىنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنى بارلىق تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشى ۋە ئۇلارنى قوغدىشى .
2. ئۆزرىلىك ۋاقىتلىرىدىن باشقا چاغلاردا ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى(قىسقارتىلدى).
3.ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا ئۆيدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكى ، ئەمما يىمەك - ئىچمەكتىن باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ .
4.ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىزسەپەرگە چىقماسلىقى ، ئېرى ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق كىشى بىلەن ئارىلاشماسلىقى .
5.ئاللاھ بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشى ، قاتتىقىچىلىق كۈنلىرىدە ئېرىدىن شىكايەت قىلماسلىقى ، ياخشى كۈنلەردە ئاللانى ئۇنۇتماسلىقى ، ئېرىنىڭ مىھنىتىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلىشى. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئېرىغا ھەمىشە" ھارام كەسىپتىن ساقلانغىن ، بىز تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز ، ئەمما دوزاخ ئوتىغا بەرداشلىق بىرەلمەيمىز " دەيدىغان خوتۇندۇر. )ئاخىرى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marziyya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-4 03:31 PM