ئىگىسى بار يىگىت
قەلەمىي
ئىگىسى بار يىگىت
ۋەدىسدىن قالمايدۇ يېنىپ ،
جانى ئۈچۈن جېنىنى بېرىپ ،
كېرەك بولسا بارىدىن كېچىپ ،
ئىگە بولغان ئادىمى ئۈچۈن ،
ھەر دەقىقە قۇچقىنى ئېچىپ ،
قەيسىرانە ياشايدۇ شۇنداق ،
كەلسە -كەلمەس يۈرمەيدۇ ئېزىپ.
.
ئىگسى بار يىگىت ،
پەرھات كەبىي كۈچتۈڭگۈر بولۇپ -
جانى ئۈچۈن تاغلارنى تېشەر،
ئالىدۇ ھەتتا يۈرىكىنى يۇلۇپ .
ئىگە بولغان ئادىمى ئۈچۈن ،
بىر جان ئەمەس مىڭ جان بولسىمۇ،
كېچەلەيدۇ ئۈمىدكە تولۇپ.
ئىگسى بار يىگىت ،
چىقارمايدۇ ئېسدىن دائىم ،
ئىگە بولغان ئادەملىرىنى .
ئاتا-ئانا قېرىنداش نىگار،
سۆيگۈ تولغان ئالەملىرىنى .
ئۇلار ئۈچۈن مىنۇت دەقىقە ،
ئاتا قىلار خۇشلۇقلىرىنى ،
كۆرسەتمەيدۇ سىرلىق ھاياتنىڭ ،
كەلسە -كەلمەس خورلۇقلىرىنى .
ئىگىسى بار يىگىت
غۇرۇرىنى ئۇلۇغلاپ ئۆتەر.
ئۆمۈر بويى بىرنىلا كۈتەر .
بىرى ئۈچۈن ئاچچىق تاتلىقنى،
بىرلە تېتىپ بىرلە تەڭ يۈتەر .
.