...007 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 12:36 AM
قۇلاق ئەپەندى ياخشىمۇسىز! ئۇزۇن بولغان تېمىلىرىڭىزنى ...
ئاللاھقا شۇكرى .
سىزگە ئوخشاش دوستلىرىمىزنىڭ تەۋسىيەلىرى بىلەن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ،ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا نىسبەتەن يازمىلىرىمنى يوللاپ تۇرىۋاتىمەن . مەن بۇرۇن سودا قىلاتتىم ، ئەمما ھازىر قىلمايمەن.شۇنداقتىمۇ زىيان تارتقان دوسلارنىڭ بالدۇرراق زىيىنىنى ئىزلىۋىلىشى ئۇچۇن تەھللىللىرىمنى يوللىدىم.
كۈمۈش بازىرىغا توختالساق، كۈمۈشنىڭ تەۋرىنىشى ئىلگىركى يىللارغا سىلىشتۇرغاندا ، خىلى ئاجىزلىشىپ قالدى.چۇنكى ئاسىيا قىتئەسىدىنلا ئىلىپ ئىيتساق ،جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاننىڭ ئالتۇن كۈمۈش ئىمپورت مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ، بۇنىڭغا بىرىنچىدىن ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورت بىجىنى ئۆستۇرۇس لاھىيەسى سەۋەپ بولغان ، ئىككىنچىدىن ئالتۇن كۈمۈش بازىرى 2-ئاينىڭ 29-كۇنىدىن باشلاپ چوڭ چۇشۇشكە ئۇچرىغاچقا ، نۇرغۇن تاشقى پىرۋۇت سودىسى بىلەن شۇغىللانغۇچىلار كۆپلەپ بازاردىن چىكىنگەن. مەسىلەن روسچايلىد جەمەتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن ماگناتى .ئىنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، بۇ جەمەت ئالتۇن سودىسىدىن چىكىنىپتۇ .ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا قانچىكى كۆپ ئادەم مەبلەغ سالسا ، بازارغا تىرەش كۇچىنى پەيدا قىلىدۇ .
بۇ ھەپتە چوڭ خەۋەرلەر ئىلان قىلىنىدۇ . كۈمۈشنى 35.50دوللاردىن چۇشۇشكە ئالساق ياكى 34.30دوللار دوللاردىن ئۆسۇشكە مال تۇتساق بولىدۇ .ئەمما چوڭ يۆلىنىشتە ئالتۇن كۈمۈش ئوخشاشلا ئۆسۇش يۆلىنىشىدە . ئالتۇن كۈمۈشنىڭ تەڭشەلگەن نۇقتىلىرىدىن ئۆسۇشكە مال تۇتۇڭ .بىسىم نۇقتىدىن چۇشۇشكە ، تىرەش نۇقتىدىن ئۆسۇشكە مال تۇتۇشقا ئادەتلىنىڭ .زىياننى چوقۇم كونتىرۇل قىلىڭ .ئۇزۇن مۇددەتلىك سودىغا نىسبەتەن كۈمۈش ئەڭ ياخشى تاۋار مال ھىساپلىنىدۇ .پەرىزىمچە كۈمۈش يەنە 2 يىلدىن كىيىن ئۆزىگە نىسبەتەن خىرىدارلىرى ئەڭ كۆپ تاۋار مال بولۇپ قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە كۈمۈش 26~29دوللار ئارسىدا راۋۇس تەڭشەلدى .33.05دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىمۇ خىلى مۇستەھكەم .
مىنىڭچە ئالتۇنغا قارىغاندا ، كۈمۈشنىڭ ساقلاش قىممىتى يۇقىرى ، ئۇزۇن مۇددەتلىك سودىغا ماس كىلىدۇ . 10-ئاي ئىچىدە كۈمۈش 37.50دوللارغا چىقىش ئىھىماللىقى بار .
يۇقارقىللىرىنىڭ مىنىڭ شەخسى پىكىرىم ، سودا ئاساسىي قىلۋالماڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 08:36 PM