ياپونىيە پۈتكۈل تارىخىي پاكىتنى ئەۋلادلارغا ئېيتماقچى بولدى
ياپونىيە مائارىپ ۋەزىرى تاناكا ماكىكو
ئەسلى ماۋزۇ: ياپونىيە باش ۋەزىرى ياپونىيەنىڭ تارىخ مائارىپىدا نۇقسان بار دەپ قارىغان
شىنخۇا تورىنىڭ 1 – ئۆكتەبىر توكيودىن بەرگەن تېلېگىراممىسى، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ياپونىيە مائارىپ ۋەزىرى تاناكا ماكىكو 1 – ئۆكتەبىر كەچ توكيودا، ياپونىيەنىڭ تارىخ مائارىپىدا نۇقسان بار، پۈتكۈل تارىخىي پاكىتنى خەلققە ئېيتىش كېرەك دەپ بىلدۈرگەن.
تاناكا شۇ كۈنى باش ۋەزىر سارىيىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇخبىرلار يىغىنىدا، مەدەنىيەت ۋازارىتى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مائارپ يېتەكچى تىزىسىغا ئاساسلانغاندا، تارىخ مائارىپىدا قەدىمقى تارىخىي خاتىرىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى تەپسىلىي، ئەمما يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى تارىخ مەزمۇنى نىسبەتەن مۇجمەل، « مەن ئىزچىل بۇنىڭغا گۇمانلىنىمەن، بۇنداق مائارپتا مەسىلە بار دەپ قارايمەن » دېگەن.
ئۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نەشىرياتى، سىياسىئونلىرىنىڭ تارىخ مائارىپىغا قارىتا پىكىرى ئوخشاش ئەمەس، ئەمما پۈتكۈل تارىخىي پاكىتلارنى ياپونىيەنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئېيتىش، ئاممىدىن پىكىر ۋە ھۆكۈملەرنى ئېلىش كېرەك. بولمىسا كىيىنكى بىر ئەۋلاد ئېنىق تارىخىي قاراشنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، ياپونلارمۇ خەلقئارا جەمئىيەتتە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەيدۇ دەپ قارىغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىشىخىكو نودا شۇ كۈنى ئىچكى كابىنتقا قارىتا ئۈچىنچى قېتىملىق قايتا قۇرۇشنى ئېلىپ بارغاندا، تاناكا يېڭى ئىچكى كابىنتتا مائارپ مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرلىكىگە قويۇلغان. تاناكا ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى تاناكا كاكۇئىينىڭ قىزى بولۇپ، ئىلگىرى ياپونىيە تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى، پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ باشلىقلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلارنى ئۆتىگەن.
http://www.nur.cn/news/2012/10/83833.shtml