hokumran يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 04:09 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىمجان توختىمەمەت جانبەر:
شېئىر ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆكۈمران ئەپەندى !
ئالدى بىلەن جانبەردىن سىزگە ئالىي ئىھتىراملار بولسۇن !
ئەمدى مىنىڭ ئۇيغۇر بىز ناملىق مۇخەممەسىمگە كەلسەك مەن ئۇ مۇخەممەسنى ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم ئىللەتلەرنى ھەم ئۇنى تۈزىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ يازغانىدىم ھەم ئالدىغا «بۇ شىئىرىم مىلللەت ئالدىدا چۈشكۈنلىك پاتقىقىغا پىتىپ كىلىۋاتقان ،ئۆز مىللىتىنى ئۆزى سۆكۈۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا سۇنۇلدى »دىگەن گەپنى قىستۇرغانىدىم بۇنداق قىلىشمدىكى سەۋەپمۇ دەپ شۇ ئىدىكى مەن ئەسلىدە شۇنداق كىشىلەر بار بولغاچقا شۇلارنى تۈزەتسە ھەم ئۇيغۇرۇم شان-شەرەپ تاپسا ،ئۆز قەدىر قىممىتىنى تونۇپ يەتسە دەپ شۇنداق يازغانىدىم ھەم ئاخىرىدا ئۇيغۇرۇمغا نۇسرەت تىلەپ يازغانىدىم ئەپسۇس مىنىڭ ھىسسىياتىم بىلەن سىلەرنىڭ ھىسسىياتىڭلاردا توقۇنۇش يۈز بىرىپ يۇقارقىدەك ئىشلا ر بولۇپتۇ . ئالدى بىلەن ھەممە دوسلاردىن ئۆزرىلىك سورايمەن ھەم مىنىڭ ھىسسىياتىمغا توقۇنۇش كىلىپ قالغان دوسلاردىن ھەم ئۆزرىلىك سورايمەن . لىكىن مىنىڭ ئۈمىدىم يەنىلا شۇ ئىدىكى ھەممە دوسلار ئاپتۇرنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا دىگەن ئۈمىدتە ئىدىم . چۈنكى مەن بىلەن سىز بىر ئىشقا بىر خىل قاراشتا بولساقمۇ بىراق نەتىجىسى تامامەن ئوخشاش دىيەلمەيمىز ئەمەسمۇ . شۇ سەۋەپلىك ھۆكۈمران ئەپەندى ھەم مىسرانىمدىكى بارلىك ئۇستاز-مۆھتىرەملەر،دوسلار قىرىنداشلار بۇندىن كىيىنمۇ كەمچىللىكلەر بولسا تۈزىتىشىمگە ياردەم قىلساڭلار مەنمۇ ئالەمچە خۇشاللىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلىگەن بولاتتىم ئاخىرىدا ھەممە دوسلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ھەم ھەممەيلەننىڭ مۇ ئىللەت توغىرسىدا بىر ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرىتىپ بىقىشىنى ئۇيغۇرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،ئىشىنىمەنكى سىزمۇ مەندەك ھىسسىيات بىلەن يازغان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم باشقىلار سىزنىڭ ھىسسىياتىڭىزنى چۈشەنمەيدۇ مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ كۆپ تەرەپلىكى . بەزى دوسلار بىلەن قارشىم ئوخشاش چىقىپتۇ ھەم بەزى دوسلار بىلەپ ئويۇم يەنى يازمامدىكى ھىسسىياتىم زىتلىشىپ قاپتۇ ئىشىنىمەنكى مۇشۇنداق تالاش تارتىش مۇنازىرىلەر كۆپرەك بولسا ئەدەبىياتىمىز تىخىمۇ گۈللەنگۈسى بىراق مۇنازىرە ئىلمىي بولماي قالسا تازا ياخشى بولمىغان ئەھۋال دوسلار . ئەمىسە كىيىنكى يازمىلرىمدا داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا تەشنامەن .